توۋا
يازغۇچى: دىيانەت ھەققانىي
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
بىر-بىرىنــــى چايانمــۇ چېقىشمايدىكەن،
توپ-توپ يۈرەر قاۋانمۇ چېلىشمايدىكەن.
نېمە ئۈچۈن ئادەمـــلەر ئەقىللىق تۇرۇپ،
شۇنچە كەڭرى جاھانغا پېتىشمايدىكەن.
ئىككى سەكە قوتاتندا ئۈسۈشمەيدىكەن،
لېكىن ئادەم بىريــەرگە سىغىشمايدىكەن.
قايرىپ قويار ئىنسابنى كەلگەندە غەزەپ،
مۇشلىشىشتىن ھەرگىزمۇ يېنىشمايدىكەن.
بىر نەرسىنى ئايرىشـــىپ ئېلىشمايدىكەن،
ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ قېنىشمايدىكەن.
غېرىپ-مىسكىن،ئاجىزنى ئويلىماس قىلچە،
ئون تېلىنـــىڭ بىرىنـــــــى بىرىشمەيدىكەن.
بەزى نــادان بــــىلىــــمنى ئېلىشمايدىكەن،
ھاياتلىــــقنىڭ قەدرىـــنى بىلىشمەيدىكەن.
قورساق تويسا غېمى يوق ئۇخلايدۇ يېتىپ،
كىيىنلىكـــــنىڭ غېمىنـــى قىلىشمايدىكەن.
ئۆز ئالدىغــا توغــرا يول تۈزۈشمەيدىكەن،
يامان يولدىن قـــولـىـنى ئۈزۈشمەيدىكەن.
يەپ ئىچىپلا، ئوينـاپلا ھايۋاندەك يۈرۈپ،
ئەقىللىق بىر ئادەمـدەك يۈرۈشمەيدىكەن.
توغرا گەپكە زەن سېلىپ ئاڭلاشمايدىكەن،
ئادەمـــــلەرگە بۇ قىلىــق قاملاشمايدىكەن.
لەنەت شۇنــداق بەندىنىــڭ ھالىغا ئىسىت،
ئۆلۈم بىلـــەن ئەجــەلنـى ئويلاشمايدىكەن.
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
2016-12-21-كورلا
پەقەت ئادەملەرلا ئىمزاسىنى ئۆزگەرتمەيدۇ،
ئۈچۈرمەيدۇ.
55 قېتىم كۆرۈلدى | diyanat | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-21 10:16:49 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|