دىلبەر : مەمەتجان سەمەت

         دىلبەر
مەمەتجان سەمەت

دىلىم بەكلا رەنجىگەچ  قاتتىق،
خاپا بولۇپ يۈتتۈممەن ئاچچىق.
توي قىلايلى دەپ تۇرۇپ دىلبەر،
باشقىلارغا بولغاچسەن ياتلىق.

بىلمەي  سەندەك  بىر  بىۋاپاغا،
كۆڭۈل بەرگەن بۇ نادان ياشلىق.
قالدى  يالغۇز تىكەندەك دىلبەر،  
تاشلاپ كېتىپ سەن قارا قاشلىق.

ئازار   بىرىپ   ياكى   دىلىڭغا،
قىلمىغانتىم   پەقەت   يامانلىق.
سەۋەبسىزلا  يۈز ئۆرۈپ  دىلبەر،
قىلىپ قويدۇڭ سەن ۋاپاسىزلىق.  

قايغۇ ئەلەم  قىيناپ  داۋاملىق،
بەرمەس  ماڭا  زادى  ئاراملىق.
ساڭا  ئاشىق  بۇ يۈرەك دىلبەر،
كۆرمىگەچكە سەندىن ياخشىلىق.

مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار : 2041420589

   



     





249 قېتىم كۆرۈلدى mamatjan520 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-25 20:37:05  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ