گۈزەل يايرىم
گۈلگىنە
زىبا سەنەم دەپ يېزىلدى شېئىر،
گۈزەلدىنلا ھەم يايرايدۇ بۇ دىل،
زامان بىزلەرگە ئۆگەتتى ئېسىل،
ئاددىيغائەمدى سايرىماس بۇتىل.
.....................................
ئەخلاق ھايادىن سۆز ئاچىدۇ كىم،
بولدىلا مېنىڭ ياكى نىم ئىشىم،
زامان رايىغا باقتى يۈرىكىم،
يارنى كۈيلىدىم، پاكمۇ بىلمىدىم.
................................
يانىمدا يۈرسە مېنىڭ گۈزىلىم،
دۇشمەن ئالدىداچانمىسام بولدى،
يارى تايىنلىق سەتكەن دىمىسە،
مودا تۇرقىدىن يايرىسام بولدى.
...................................
قېنىق سىزىلغان قاشتىن ئۆرگىلەي،
ھۆسنىگە ھۆسىن قوشۇلسا بولدى،
دولقۇنلۇق گۈزەل بۈدرە چاچلىرى،
ھالىدىن ياتلار ئوشۇلسا بولدى.
..................................
چىپمۇ چىپ كىيىم خويمۇ يارىشار،
زىلۋالىقىدىن ھەممە قارىشار،
گۈل بەدەندىن خۇش پۇراق تارىتار،
گۈزەللىك ئۇندا ،يانداشسام بولدى.
....................................
ئۆينىڭ ئىشىغا قولى بارمايدۇ،
ئىشى ئالدىراش، بازار قاممايدۇ،
يېڭى كوينەككە ئاياق تاللايدۇ،
ۋەزىپەم بالىغا قارىسام بولدى.
....................................
بىر ئۆمۈر ئۇنى سۆيۈپ ساقلايمەن،
مەتو قىزلارغا ھەرگىز باقمايمەن.
ئۇنىڭ ئەجرىنى كۈيلەپ ھارمايمەن،
ۋاپادار شۇنداق ياشىسام بولدى.
...................................
باللىرىمغا شۇ روھنى ئۆگىتەر،
كىتاب جازا يوق،مودا سۆيدۈرەر.
ئوغۇل قىزىمنى ئاخسا يۈرگۈزەر،
ھايات بىركېلەر ،قانساملا بولدى.
2017.3.7
54 قېتىم كۆرۈلدى | گۈلگىنە | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-8 6:13:29 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|