شۇ دادامنى سېغىنىپ قالدىم - ماھىنۇر قادىر

شۇ دادامنى سېغىنىپ قالدىم 

 ماھىنۇر قادىر (مىھرى)


 دۇتتارلارنى مۇڭلۇنۇم چالغان ھەر پەدىگە بەك ئ‍ىسىل چالغان ،
چېلىپ چېلىپ ئ‍ۈنسىز يوق بولغان شۇ شۇ دادامنى سېغىنىپ قالدىم .

ئ‍انام غېرىپ قالدى ئ‍ۆيلەردە توپا باستى چالغان دۇتتارنى ،
قولۇمغا ئ‍ېلىپ ئ‍ۈشبۇ  دۇتتارنى شۈرتكىنىمدە سېغىنىىپ قالدىم .

باغرىمنى ئ‍ەزدى ھەردەم ئ‍ەسلىسەم بار مھېرىنى ماڭا بەرگىنى،
يىغلىسام گەر بىشىم سىلار يوق غېرىپ قالغانداسېغىنىپ قالدىم .

تەڭتۈشلىرى يۈرىيدۇ كۈلۈپ باللىرىنى ئ‍ەتىۋا بىلىپ ،
بىر ماڭىلا جان كۈيەرىم يوق يىتىم قالغاندا سېغىنىپ قالدىم .

يىتىم دىسە بىلمەيتتىم بۇرۇن ئ‍ەمدى ئ‍ۆزەم ئ‍الدىمغۇ ئ‍ۇرۇن ،
بىر بۇلۇڭدا ياشلار تۆككەندە شۇ دادامنى سېغىنىپ قالدىم.
     





110 قېتىم كۆرۈلدى ماھىنۇر قادىر ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-14 12:36:35  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-17 23:26:19 تۇنساگۈل
بەك ياخشى ئ‍ەسەر يېزىپسىز
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ