ئەيلىدى
(غەزەل)
تۇرسۇن ئىمىن شەيدائى
( شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىنىڭ ئەزاسى )
كەلمىدى، سۆيگەن نىگارىم چېھرىنى پىنھان ئەيلىدى ،
قارا ھىجران ساھىلىدا مېنى سەرسان ئەيلىدى .
تەلمۈرۈپ باقتىم يولىغا كۆزلىرىمدە ئۈنچە -ياش ،
يەتمىدى ھالىمغا ئەسلا زەپمۇ غەمخان ئەيلىدى .
ئوي -خىيال مۈلكىدە ھەلەك ئۇيقۇسىز -بىدارىمەن ،
كەلمىدى، قەددىم پۈكۈلدى تەركى جاھان ئەيلىدى .
ئۇلغىيىپ پىراق لاۋاسى تەپتىدە ياندى ۋۇجۇد ،
بۇ ئېزىز كۆڭلۈمنى چۆل ،باغرىمنى گۈلخان ئەيلىدى .
تاقىتىم كاسەسى تاشتى بولمىغاچ ھېچبىر ئۇچۇر ،
ئىشقىدا گۈلشەن بىنا ئەتكەندە يەكسان ئەيلىدى .
سۆيگۈ بېغىدا چىنارنىڭ ياپرىغى قالدى سولۇپ ،
دېگىنىم : " سادىق -ۋاپادار "ئەلنى ھەيران ئەيلىدى .
| 4278 قېتىم كۆرۈلدى | xeydayi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-14 20:45:56 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|