دىيەلمەيمەن ئۆزۈمنى بىرھەق ئوغلان - ھەسەنجان ياسن شەمشىرى

دىيەلمەيمەن ئۆزۈمنى بىرھەق ئوغلان

 ھەسەنجان ياسن شەمشىرى


 قەلەم تۇتۇپ قاپارمىدى بۇ قوللۇرۇم،
خەلقىم ئۈچۈن بولالمىدى ھىچ ئويلۇرۇم.
ۋەتەن ئۈچۈن بېرەلمەستىن جېنىمنى،
دىيەلمەيمەن ئۆزۈمنى بىر ھەق ئوغلان.

بوۋىلاردەك يازالماستىن كۈي داستان،
ئېلىم ئۈچۈن بولالماي بىر كۆك ئاسمان.
يوقسۇللارنىڭ دەردىگە بولالماي دەرمان،
دىيەلمەيمەن ئۆزۈمنى بىر ھەق ئوغلان.

ئەجداتلارنىڭ ئىزىدىن يا ماڭالماي،
بىلىم ئېرپان قۇدۇقىنى مەن قازالماي.
ھەق ئۈچۈن ئەركەك كەبى ئات چاپالماي،
دىيەلمەيمەن ئۆزۈمنى بىر ھەق ئوغلان.

2016-يىلى11-ئاينىڭ11-كۈنى(كورلا)
ئۈندىدار573888975
   





95 قېتىم كۆرۈلدى xamxiri ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-12 0:03:00  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ