كەچۈر ئاتا
ئەزمەت ئەخمەت
پەرزەنت ئىدىم ئاتام يەلكىكە چىڭ مىنگەن،
مەن بار ئۈچۈن ئاتام يۈزلىرى ھەم كۈلگەن.
ئۇماق ئوغلۇم ھاياتىمنىڭ بارچىسى دەپ،
جان ئاناممۇ ئىللىق مىھىرىنى سىڭدۈرگەن.
ئاتام ئىدى يۆلەنچىم ماڭا ئۇ بىر تاغ،
گەر قىينالسام يىقىلسام مىنى يۆلىگەن.
جامالى ئاي مىھرىبانىم ماڭا ئۇ بىر باغ،
بۇلبۇللىرى ئەللەي ئىتىپ مىنى كۈيلىگەن.
شۇ تاغىمنى چوڭ بولۇپ كۈلدۈرەلمىدىم،
چوڭ قىلغانتى مىنى يۈلەپ يۆلىيەلمىدىم.
مىھرىم بىلەن قار باسقان شۇ ئەزىز باشىنى،
قۇچاغىمدا بىر كۈي بىلەن سىلىيالمىدىم.
ئىتىزلاردا ھالسىزلىنىپ چارچىغانسەنمۇ،
دەرقەم تۇرۇپ كەتمىنىڭنى چىپىشالمىدىم.
كەچۈر ئاتا دۇنيا پەرەز ئوغۇل بوپتىمەن،
بارچە قايغۇ غەملىرىڭگە يار بولالمىدىم .
124 قېتىم كۆرۈلدى | azmat | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-1-10 0:50:29 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|