ئۈندىدار - بۇخەلچە سادىق

ئۈندىدار 

 

  بۇخەلچە سادىق

 

تۇنوشمىغان ناتۇنوشنى تونۇشتۇرغان ئۈندىدار،

 يىراق دىمەي ئارلىقنى يىقىنلاتقان ئۇندىدار.

 ئىسمىڭ نىمە زاتىڭ كىم ئۆيۇڭ نەدە ھەرزامان،

 تۇن كىچىدە ئۇخلىماي گەپلەر ساتقان ئۈندىدار.

 رەسىم يوللىشىپ ئۆز-ئارا ئۆز خۇدۇڭنى بىلەلمەي،

 ماڭسا تۇرسا ئاغزىدىن جىنىم دىگەننى چۇشۇرمەي.

 شىرىن تاتلىق گەپلەرگە ئالدانغىنىڭنى بىلەلمەي،

 ئۆز بەختىڭنى تەۋكادا ئۇتۇرۋەتكەن ئۈندىدار.

شۇنچە نازۇك لىۋەنلەر ئىشەنمەستىن ئۆز يارىغا،

قالار ئەمدى يىراقتىكى ئۆز يارىنىڭ زارىغا.

سوراپ كەلسە ئالدىغا قىلغان خاتا ئىشىنى،

 بوستانلىقنى سەھراغا تىگىشتۇرگەن ئۈندىدار.

گۈزەل پارلاق ئەتەڭنى نادۇت قىلدى ئۈندىدار،

ئۆز يارىڭنى ئۆزگىگە پايخان قوشتى ئۈندىدار.

 سەن كەلگۈسى ئەۋلاتنىڭ ئۈمۇدىسەن بەختىسەن،

 نەسھەت قىلسا ئاتا-ئانا شىلتىڭ ئاتقان ئۈندىدار.

 

2016.3.14





53 قېتىم كۆرۈلدى salkin ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-3-14 19:38:33  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ