مالاي كۆرمە ئۇ سېنىڭ ئاناڭ (شېئىر) - ئابدىراھمان ھېكىم-ئىشەنچ

مالاي كۆرمە ئۇ سېنىڭ ئاناڭ

ئابدىراھمان ھېكىم-ئىشەنچ

ھاپاش قىلىپ يۈدىگەن ئاناڭ،
ساڭا شۇنچە كۆيۈنگەن ئاناڭ.
بالام بار دەپ سۆيۈنگەن ئاناڭ،
سىلكىشلىسەڭ كۆتۈرگەن ئاناڭ.
مالاي كۆرمە ئۇ سېنىڭ ئاناڭ،

بۇيرۇق سۇقۇپ سەن يېتىپ يىمە،
يۈتۈپ كىتەر غەم دىگەن نىمە.
بىزنى كۈتۈپ ياشايدۇ دىمە،
چۆكۈپ كىتەر ھامان ئۇ كېمە.
مالاي كۆرمـە ئۇ سېنىڭ ئاناڭ،

تۆرەلـگەنمۇ بىر سېنىڭ ئۈچۈن؟
چوڭ بولغانچە بوپ قالدىڭ يۈچۈن.
ۋاپادارلىـق بىلمەيسەن نىچۈن؟
كىيىملىرىڭ ئېسىلدۇر پۈتۈن؟
مالاي كۆرمـە ئۇ سېنىڭ ئاناڭ،

خاتىرجەمراق يۈرگەن كۈنى يوق،
ئاڭلايدۇ كۆپ قاتتىق دەشنام دوق.
سەن ئەكسىچە ھەممىگە بەك توق،
ئاناڭـنىڭ بىر قارغىـشىـدىن قورق.
مالاي كۆرمــە ئۇ سېنىڭ ئاناڭ،

ۋاقىرايسەن ئاۋازىڭ بۇغۇق،
تەلەتىڭدىن ياغىدۇ سوغوق،
بىرە ئېغىز ئىللىق گىپىڭ يوق،
قىلىپ ئۆيدە تاپا تەنە دوق،
مالاي كۆرمە ئۇ سېنىڭ ئاناڭ،

ئۇقۇدۇم دەپ ھالىڭ بار تېخى،
يات كىشىگە شۇنچىلىك سېخى.
يوق ئاناڭغا مىۋىنىڭ شېخى،
سەن ھامان بىر نوتىنىڭ شېخى.
مالاي كۆرمـە ئۇ سېنىڭ ئاناڭ،

ئوتۇن تېرەر ياداڭـلىق قاشتىن،
تەر ئاقىدۇ چاپىلـداپ  باشتىن.
ماڭالماي گاھ پۇتلىشار تاشتىن،
ھەزەر ئەيلە ئانا كۆز ياشتىن.
مالاي كۆرمە ئۇ سىنىڭ ئاناڭ،

مىڭ جاپادا ئەتسە تاماقنى،
يىمەي تاشلاپ قويدۇڭ تاۋاقنى.
زەردە بىلەن ئېتىپ ئاياقنى،
ئىس پۇرىسا تىللاپ ئوچاقنى.
مالاي كۆرمە ئۇ سېنىڭ ئاناڭ،

قاتتىق ئىكەن يۈرۈكۈڭ تاشتىن،
ئىۋەن تاپتىڭ ئوخشىغان ئاشتىن.
ئەسەر يوققـۇ كۆڭۈل ئاياشـتىن.
نۇمۇس قىلغىن بۇنداق ياشاشتىن،
مالاي كۆرمە ئۇ سېنىڭ ئاناڭ،

ئاسماندىكى ئاي ئىدى بىر چاغ،
يۈزلىرىدە يوقتـى قـورۇق داغ.
ئانا مېھرى ئىدى ئەسلى باغ.
ئاتاڭ بـولار ئىدى ئاڭـا تـاغ،
مالاي كۆرمە ئۇ سېنىڭ ئاناڭ،

كىلىن بولدى سەھەردە قۇپۇپ،
ئازار يىدى قالدى ئاھ ئۇرۇپ.
شەپەقتىكى بىر غۇنچە تۇرۇپ،
ئېچىلمايلا تۇزدى  قۇرۇپ.
مالاي كۆرمە ئۇ سېنىڭ ئاناڭ،

قاراشمايسەن ئىشىغا تۈزۈك،
بۇنداق كۈنگە ئۇمۇ ھەم كۈنۈك.
چىرايىلىرى زەپىرەڭ خۇنۈك،
بىلسەڭ ئەسلى ئانا بەك بۈيۈك.
مالاي كۆرمە ئۇ سېنىڭ ئاناڭ،

خۇشتار ئەمەس ئىدى تۆشەككە،
سەن ئۈچۈنلا كىردى ئۆچەككە.
مۇھتاج ئىدى ئەسلى يۆلەشكە،
بىلگىن قەرىز بۇنى تۆلەشكە.
مالاي كۆرمە ئۇ سېنىڭ ئاناڭ،

كوچا سوغاق قېلىن كەي دەيدۇ،
كۈنۇ -تۈنۈم غېمىڭنى يەيدۇ.
ئىسسىق ئۆيگە قايتىپ كىر دەيدۇ،
نە سەۋەپتىن ئەقلىڭ يەتمەيدۇ.
مالاي كۆرمە ئۇ سېنىڭ ئاناڭ،

ئۆچلۈك قىلدىڭ ئۇنى سىغدۇرماي،
باققانتىغۇ بىر يەر كۆيدۈرمەي.
سوغۇقلاردا قويماي توڭدۇرماي،
مەڭچىلىك بىر تارتۇق قالدۇرماي.
مالاي كۆرمە ئۇ سېنىڭ ئاناڭ،

قانچە جاپا تاتسا ئاھ ئۇرماي،
بىراۋلارغا يا  بېقىندۇرماي.
ئانا مېھرى ھىچ سېغىندۇرماي،
يىتىملىكتە يا قېقىندۇرماي.
مالاي كۆرمە ئۇ سېنىڭ ئاناڭ،

يېڭى كىيىم ئارتماي ئۈستىگە،
گىرىم قىلماي پۇرلاش يۈزىگە.
سەت كۆرۈندى كىشى كۆزىگە،
كىرمىدىڭ سەن ئاناڭ سۆزىگە.
مالاي كۆرمە ئۇ سېنىڭ ئاناڭ،

ھىچقانداق يەر يوق ئۇ بارمىغان،
مەدىكارلىق قىلىپ  ھارمىغان.
قايناملاردا بىر رەت ئازمىغان،
جاپادىمۇ سەندىن  تازمىغان.
مالاي كۆرمە ئۇ سېنىڭ ئاناڭ،

ئىسىل بۇلۇپ يىتىلگەنتىڭ ئۇز،
كىچىكىڭدىن يىگەنتىڭغۇ تۇز.
تەلەتىڭدىن يېغىپ تۇرار مۇز،
قەدەملىرىڭ توغرا بولسۇن تۈز.
مالاي كۆرمە ئۇ سېنىڭ ئاناڭ،

چوڭ بولۇپسەن گەۋدەڭ تۇلۇپتۇ،
ئەمما ۋىجدان غۇرۇر ئۆلۈپتۇ.
خۇتۇن ئالدىڭ ئۆيمۇ تۇتۇپتۇ.
تەكەببۇرلۇقتا كۈنۈڭ ئۈتۈپتۇ،
مالاي كۆرمە ئۇ سېنىڭ ئاناڭ،

باشلىق بولۇپ ئۇنچە غادايما،
ئايالىڭغا  قەتتئى ئالايما.
ئىز باسارىڭ ئوماق بالاڭ با،
ئويلان سەن بۇ كۈنگە قالما،
مالاي كۆرمە ئۇ سېنىڭ ئاناڭ،

گۇناھ بولدى سېنى باققىنى،
تۇمۇز دىمەي نانلار ياققىنى.
تۈگەپ كەتتى تەرگەن تاپقىنى،
ئېغىر كەلدى ئەمدى ياتقىنى.
مالاي كۆرمە ئۇ سېنىڭ ئاناڭ،

داۋا يوقتۇر سوغۇق ئۆيىدە،
ئاقتى پەقەت بالا سۈيىدە.
گاسا ساناپ بىچارە تۈندە،
يۇلۇڭغىلا  قارايدۇ كۈندە.
مالاي كۆرمە ئۇ سېنىڭ ئاناڭ،

بىر تىيىنمۇ يوقتۇر يانچۇقتا،
بىساتىمۇ ھەم ساندۇقتا.
كۆز نۇرىمۇ ئۆچتى قارچۇقتا،
قالدى ھەجەپ مۇھتاجلىقتا.
مالاي كۆرمە ئۇ سېنىڭ ئاناڭ،

يارىلىشتا مىھمان بۇپ كەلگەن،
ئەجەل كەلسە مىنۇتتا كەتكەن،
ئايرىلغاندا قەدرىگە يەتكەن،
ئاچچىق ئازاپ ئەجەپمۇ تەسكەن،
مالاي كۆرمە ئۇ سېنىڭ ئاناڭ،

تاپ ھۇشۇڭنى ئادەم بالىسى،
تۇتۇپ قالمىسۇن ئانا نالىسى.
كۆز يۇمغاندا يۈتەر قارىسى،
سەن ئاناڭنىڭ يۈرەك پارىسى.
مالاي كۆرمە ئۇ سېنىڭ ئاناڭ،

ئىزدەپ قالدى سېنى ھەر ياندىن،
كۆز يۇماقچى سۇ ئۆتمەي گالدىن.
ئايرىلماقچى مەڭگۈ ھاۋادىن،
كىتىپ قالسا ئىزدەيسەن ياندىن.
مالاي كۆرمە ئۇ سېنىڭ ئاناڭ،

ھايات چاغدا زارىلىق ئالغىن،
خاتالاردىن ئارقاڭغا يانغىن.
مېھىر بىرىپ مېھىرگە قانغىن،
دۇئا ئېلىپ خاتىرجەم قالغىن.
مالاي كۆرمە ئۇ سېنىڭ ئاناڭ،
2017-يىل2-ئاينىڭ-6-كۈنى
     





93 قېتىم كۆرۈلدى ixanq ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-28 20:35:34  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ