كۈلۈپ قويىمەن - سېراجىدىن جەۋلانى

كۈلۈپ قويىمەن

سېراجىدىن جەۋلانى


كەلسە بېشىمغا، تۈگىمەس دەرت ئەلەم،
ياق دېمەستىن كۈلۈپ قويىمەن.
ئۆتۈپ كېتەر بۇ دەردلىرىڭمۇ،
بويۇن ئەگمەستىن كۈلۈپ قويىمەن.

كىلەر نامەردلەر ئارقامدىن مېنىڭ،
خەنجىرىنى بىلەپ مېنى يۇتماق بولۇپ.
كەلسە ئارقامدىن تقسېمۇ  خەنجەر،
كۆز ئالايتماستىن كۈلۈپ قويىمەن.

ياخشىغا باشلاپ ھەقنى سۆزلىسەم،
يامان دەپ تىللىسا كۈلۈپ قويمەن.
نادان بىلەن تەڭ بولۇش ئەخمەقنىڭ ئىشى،
نېمە دېسە دەۋەرسۇن، كۈلۈپ قويىمەن.

دېمەڭ مېنى دوستۇم ساراڭمۇ سەن،
ھەممىگە كۈلەمسەن، سەن قايغۇرمامسەن.
قايغۇرىمەن يىغلايمەن مىللىتم ئۈچۈن ،
ئۇندىن باشقىغا كۈلۈپ قويىمەن .

     





27 قېتىم كۆرۈلدى سېراجىدىن جەۋلانى ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-14 14:20:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ