مەغرۇر ياشايمەن
قەلەمدە : زىيا بىلىگ يۇلتۇزى
ئەگمەيمەن بىشىمنى ياپراق چۈشسىمۇ ،
دەرەخمەن نەچچەيىل يىلتىزى تارتقان .
كەلسىمۇ ئازاپلىق بوران شاۋقۇنى ،
قارغايدەك ياشاشقا بەلنى باغلىغان .
شېخىمدىن يۇپۇرماق ئۈزگەندە ئۇلار ،
جېنىم تەڭ قىينىلار بىر قىسمىم بولغاچ .
زەردەمنى قاينىتار تاشتۇرۇپ دولقۇن .
يۈرەككە غورۇر - ۋىجدان ئويۇلغاچ .
ئۈمۈدۈم ئۈزمەيمەن كىلەر نەۋباھار ،
مۇدھىش ھاۋالار ھەر يان تارىلىپ .
شۇڭغىچە دائىما مەغرۇر ياشايمەن ،
قالساممۇ ھەتتاكى جاندىن ئايرىلىپ .
2016 - 2 - 15 سەھەر
| 96 قېتىم كۆرۈلدى | زىيا بىلىگ يۇلتۇزى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-2-19 18:19:50 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|