سېغىنىشىم چاقىرسا سېنى
غۇلجا دىيارىدىن مىھرىبان تالىپ
تۇنجى قاردا كۆرىشەيلى دەپ ،
كەلمىدىڭغۇ قارلىقىڭ قېنى ؟
قار گۈلىدەك قونغىن قولۇمغا ،
سېغىنىشىم چاقىرسا سېنى .
سېغىنىشىم چاقىرسا سېنى ،
مېھرىڭ بىلەن سۆيۈپ قوي ئاستا .
يېزىپ قويغىن ئىككىلىك سالام ،
دۈشمەنلىرىم تۇيۇپ قالماستا .
دۈشمەنلىرىم تۇيۇپ قالماستا ،
تۈندە كىرگىن شېرىن چۈشۈمگە .
ھېسلىرىمدىن ئۆچمىسۇن نامىڭ ،
ئۆز قولۇڭدا يازغىن كۆڭلۈمگە .
ئۆز قولۇڭدا يازغىن كۆڭلۈمگە ،
قەدىردانىم بارلىقىم سەن دەپ .
بەخىت ماڭا ساڭا يار بولۇش ،
ھەر تىنىقتا تۇرىمەن ئەسلەپ .
ھەر تىنىقتا تۇرىمەن ئەسلەپ ،
تۇنجى قاردا سەنمۇ كۈت مېنى .
جەم بولىمىز قار بىلەن بەلكىم ،
سېغىنىشىم چاقىرسا سېنى .
نازۇك 1314520[调皮]
| 59 قېتىم كۆرۈلدى | ihbali | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-18 6:44:50 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|