قانمىدىم مەن ئانا مېھرىگە
ئاپتۇرى مىھرىبان تالىپ
قەلبىم تەشنا ئانا مىھرىگە،
گۈل چىھرىنى كۆرەرمەن قاچان.
بەخىت دىگەن ئانا مىھرىكەن،
بىلمەي شۇ چاغ يۈردۈممەن قايان.
باشقىلاردىن ئىزدەپ مەن بەخىت،
بەخىتلىك دەپ يۈردۈممەن ھەريان.
باشقىلارنىڭ بەرگەن شۇ بەخىتى،
توزۇپ كىتەر قالماس ھىچقاچان.
بەخىت نىمە؟ مۇھەببەت نىمە؟،
بىلمەي يۈرۈپ بولدۇم مەن سەرسان.
بىلگىنىمدە كىچىكتىم بەكلا،
قولۇم باغلاق پۇتۇمدا كىشەن.
خاتا باسقان بىرلا قەدىمىم،
باشلاپ ماڭدى مىنى"بەخىت"كە.
تىپىۋالغان مىنىڭ بۇ "بەختىم"،
ئىرىشتۈرەرمۇ ئانام مىھرىگە.
كۈندە كۈتۈش كۈندە سىغىنىش،
ھەمراھ بولدى ماڭا كۈن تۈندە.
زارقىپ كۈتكەن گۈزەل كۈنلىرىم،
يورار قايسى تاڭدا سۈبىھدە.
قايتالىسام كىچىكلىكىمگە،
قاناتتىممەن ئانام مىھرىگە.
ھەمراھ قىلىپ ئانام مىھرىنى،
ئىرشمەستىم ئازغۇن "بەخىت"كە.
ئانا مىھرى شۈنچىلىك ئىللىق،
ئانا مىھرى ئىكەن بىر بەخىت.
ھەمراھ قىلساڭ ئانا مىھرىنى،
نىسىپ بولۇر ساڭا بىر تەخىت.
ئىزدىمىگىن ئۆزگىدىن بەخىت،
ۋاقىتلىقتۇر ئاتا قىلغىنى.
بەخىتىم سەن دەپ كەچسەڭ ئاناڭدىن،
دەرت ئەلەمدۇر ساڭا قالغىنى.
ئانا سنى بىزەيدۇ گۈلدە،
باشقىلارچۇ بىزەر ئەلەمدە.
كۆز ياشلىرىڭ قۇرىماي مەڭگۈ،
ئۆتەر كۈنۈڭ سىغىنىش دەردىدە.
ئىبرەت بولسۇن مىنىڭ كۈنلىرىم،
كەچمە زىنھار ئانا مىھرىدىن.
ئۆزگىلەردىن ئىزدىمە بەخىت،
تاپالمايسەن ئۇنىڭ چىھرىدىن.
ئانا مىھرى مەڭگۈلۈك ساڭا،
قۇچاق ئىچىپ تۇرار ھەرۋاقىت.
ئانا مىھىرى ئىللىق قۇياشتۇر،
ئاتا قىلۇر بىزلەرگە بەخىت.
2016.11.12
نازۇك : 1314520
28 قېتىم كۆرۈلدى | ihbali | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-27 2:13:40 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|