دىباغا كىردىم

بۈگۈن دىباغا كىردىم

 

 قادىر ئ‍ابلەت

 

 مەن بۈگۈن دىباغا كىردىم،

 ئ‍انام ئ‍ەۋەتكەن پۇل بىلەن،

 ھايات پەيزىنى سۈرەي دەپ،

 كۆرمىگەننى كۆرەي دەپ،

باشقىلارغا،

ئ‍وخشاش ئ‍اقسا يۈرەي دەپ.

 

 ھاراق ئ‍ىچتىم،

 دادام مىڭ تەستە تاپقان پۇللارغا،

 بايۋەتچىمەن،

خەجلىشىم بەك چوڭ،

 لىكىن دادام ئ‍وخشار قۇللارغا.

 

 مەن دىبادا،

ۋە لىكىن دادام،

تۇرار بەلكىم خىرىدار ساقلاپ،

 يولدىن ئ‍ۆتكەن ناتونۇشلارغا،

 توختىماستىن مىلىنى داڭلاپ،

 غال-غال تىترەپ ئ‍اچچىق سوغۇقتا،

 مەن ئ‍الدىراش ئ‍ويناپ دىبادا،

دادام تاپقان ئ‍اشۇ پۇللارنى،

 سۇدەك خەجلەپ گۈزەل قىزلارغا.

 

 2016-1-29





196 قېتىم كۆرۈلدى قادىر ئ‍ابلەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-31 0:53:20  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ