بىز - تەۋسىيىلىك ئەسەر
بىز

ساۋۇت سەدەن


ئۇنتىمايلى نەسلىمىزنى بۇزۇلمىسۇن نەسلىمىز ،
 تۇگمىمەيدۇ ئۆلگىچەئادمىيلىك قەزىمىز .

 مەنسەپ ئۇچۇن دوسلارغا ئوراكولاپ بەزىمىز،
 دىيانەتتىن ۋاز كېچىپ تىزغا تەگدى لېۋىمىز .

 ئولجا نەپكە ئاتلاندۇق ئاچ بۆرىدەك ھەممىمىز ،
 چۇشەنمىدىم ، بىلمىدىم شۇنداقمىدۇ ئەھدىمىز .

 مال - دۇنياغا بىرېلىپ ئۆتسە شۇنداق كۇنىمىز ،
 ئەندىشىم كۆپ ھەممىدىن ، قانداق بولار ئەتىمىز .

 داۋام ئەتسە ئۆزگەرمەي شۇ تەبىقە خۇيىمىز ،
 بىلەلمىدىم ئەۋلاتقا بىزدىن قالار نىمىمىز .




203 قېتىم كۆرۈلدى ساۋۇت سەدەن ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-1 17:22:26  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ