كەلمەيدۇ

كەلمەيدۇ

 

ئاپتورى:چەشمە(خانقىز تۇرغۇن )

 

 تال مىنىپ ئېتىم دەپ قىيغىتىپ كۈلگەن،

مۆكۈشمەك ئوينىشىپ خاماندا يۈرگەن.

 ئارتىلىپ شورىدىن باغلارغا كىرگەن،

 شۇ گۈزەل باللىق كەتتى كەلمەيدۇ،

 

 ۋاللەيلەر توۋلىشىپ چۇقان سېلىشىپ،

 نان راسلاپ لاي بىلەن تۇنۇرغا يېقىپ.

 چۆرگلەپ سىم چۆچەك،چۆچەك ئېيتىشىپ،

 ئۆتكۈزگەن باللىق ئەمدى كەلمەيدۇ.

 

 توپلىشىپ ئاداشلار چۆمۈلۈپ سۇغا،

 مال بېقىپ يايلاقتا ئېسىلىپ قويغا.

بويىمىز يەتمىسە چىقىپ شاخلارغا ،

 شۇ تاتلىق باللىق يېنىپ كەلمەيدۇ.

 

ئۇخلىغاچ ساتمىدا يۇلتۇزلار ساناپ،

 گۈللەرنىڭ ئىچىدە كىپىنەك قوغلاپ.

 قۇشلاردىن ئۆزئارا سالاملار يوللاپ،

 شاتلانغان بالىلىق مەڭگۈ كەلمەيدۇ.

 

 2016- يىل 1-ئاينىڭ26-كۈنى





105 قېتىم كۆرۈلدى qaxma ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-28 9:40:18  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ