يالغۇزلۇق - مەمەتجان باش كارۋان

 يالغۇزلۇق
مەمەتجان باش كارۋان


كەيپ بولماس سېغىنىشقا خىيال ھەمراھ،
گەر يۈرەك ھەر نەپەستە سالسىمۇ چوقان.
يالغۇز يۈرۈپ جان كەتمەس باردۇر ئەسلىمە،
قالسام تۈندە ھەمراھىم بولغۇسى چوپان.

تۆت كۈنلۈك ئالەمدە گاھ بىر پەس يادۇغەم،
ئىزلىگەن يۈرەكىن ياپقۇر بەزىدە تۇمان.
بولمايسەن ئېسىدە، خىياللىرىدىمۇ،
ئىشەنگۈڭ بار يەنە لال يەتكۈدەك گۇمان.

     





127 قېتىم كۆرۈلدى bashkarwan ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-1 12:14:42  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ