مەن ساراڭ (شېئىر) - ئابدىراھمان ھېكىم ئىشەنچ

مەن ساراڭ

ئابدىراھمان ھېكىم ئىشەنچ، كۇچا

كۆرمەي تۇرۇپ ئۆزنى كۆيۈپ قالغان مەن ساراڭ،
چۈشلۈرۈمدە لىۋىگە سۆيۈپ قالغان مەن ساراڭ،
غىزا ئۆتمەي گېلىمدىن يېتىپ قالغان مەن ساراڭ،
سۆرىتىگە باققانچە تۇرۇپ قالغان مەن ساراڭ،

ھەيران بولۇپ سۆزىگە قىزىققانمۇ مەن ساراڭ،
تاتلىق جېنىم دىگەندە قىزارغانمۇ مەن ساراڭ،
ئوتنى سالسا يۈرەككە  يۈگۈرگەنمۇ مەن ساراڭ،
ئاتاپ سالسا بارىنى،سۆيمىگەنمۇ مەن ساراڭ،

ئىنسان ئۈچۈن ياشاش  ھايادۇر دىگەن مەن ساراڭ،
ئەخلاق بىلەن بىزلەر سامادۇر دىگەن مەن ساراڭ،
ئۆزۈمگە بىكىتكەن قاراردۇر دىگەن مەن ساراڭ،
بولمىسا مىللەتتىن تانغاندۇر دىگەن مەن ساراڭ،

ۋىجدانىمنى يوقاتماي پاك ياشاي دىگەن مەن ساراڭ،
ئاشۇ قىزنىڭ پاكلىقىنى قوغداي دىگەن مەن ساراڭ،
نەپسى قۇل قىلسا بىزنى زاۋالدۇر دىگەن مەن ساراڭ،
ھالال جۈپ بولغاندا راۋادۇر  دىگەن مەن ساراڭ،
     





281 قېتىم كۆرۈلدى ixanq ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-3 4:27:30  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ