ئەپسۇس ئىچىدىكى قىزلار
ئاپتۇرى:ئابدۇرسۇل ئەزىز
تۈن كىچىدە قاۋاقلار ئۇچۇق،
بىشەم قىزلار زۇۋانى ياڭرار.
ھەمرا بۇلۇپ مەسلەرگە ئۈلپەت،
ئويلىماسمۇ بارمەن دەپ مازار،
ئۇيۇننى دەپ چاپار دىباغا،
سەكرىشىدۇ خوددى ئۆچكىدەك.
بەللىرىدە سۆڭى يوقمىكىن،
تولغىشىدۇ ھەيران قالغۇدەك…
شۇنداق ئويناپ ئۆزىچە خوشال،
ئانا ئۆيدە قىزدىن ئەنسىرەپ.
كۆزى قادىلىپ ئىشىككە بېقىپ،
قىزىم قاچان ئۆينى تاپار دەپ…
قىزلار ئۆزى گۈزەل بولدۇم دەپ،
سۆرتىشمىگەن ئۇنمۇ قالمىدى.
ئېرى دەيدۇ شۇنداق ئايالغا،
سەت بۇلۇشقا نېمەڭ كاملىدى…
مودا بولدى قىزغا شۇنداق سۆز،
گىرىم قىلمىغان قىز رەڭسىز تېلۋىزۇر.
چاغلاپ ئۆزىنى ھەسەن-ھۈسەندەك،
ياسىنىشلىرى غەرىپچە ئالامەت پۇزۇر…
ئەي قىز ساڭا دەي ئاڭلا سۆزۈمنى،
ئەۋلات كەلگۈسى سىنىڭ قولۇڭدا.
ئويلاپ دەسسە ھەر بىر قەدەمنى،
توغرا ماڭغىن ھەر بىر يولۇڭدا…
ساقلاتمىغىن ئاتا-ئاناڭنى،
يالغۇز قويما ئەزىز بالاڭنى…
2016-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى (يەكشەنبە كەچ سائەت 12:00)
335 قېتىم كۆرۈلدى | rusul | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-1-18 2:03:33 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|