دىلىمىز يورۇق (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

دىلىمىز يورۇق
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

تىلىڭ كۆيسە مەيلى دوستۇم،دىلىڭ كۆيدۈرمە،
ئىتتىپاقلىق ناخشىسىنى،ئەبەدىي كۈيلە،
كۆزۈڭ تالسا ئارام ئالغىن،قىينالما دوستۇم،
نادانلارغا ئەگەشمىگىن،ۋەتەننى كۈيلە.

داغدام يولدا توغرا ماڭغىن،ئىناقلىق سۆزلەپ،
ئىتتىپاقلىق كۈيلىرىنى دىلىڭدىن كۈيلەپ،
ئىلىم-پەننى ئۆگەن ھارماي،مەڭگۈ يانمىغىن،
ئۇچۇپ كۆكتە، قىلغىن پەرۋاز،ئىناقلىق كۆزلەپ.

ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە يوچۇق قويمايمىز،
ئەبەدىي ئەمىنلىك نىشان،مەڭگۈ سۆزلەيمىز،
سوتسىيالىزم يولى نۇرلۇق،قۇياشنىڭ ئۆزى،
پارتىيمىز نۇرلۇق مەشئەل،كومپاس دەپ بىلىمىز.

ھەممە مىللەت ئىجىل-ئىناق،ئەتىمىز نۇرلۇق،
پارتىيەنىڭ زامانىدا،دىلىمىز يورۇق،
خاتىرجەملىك تۇرمۇش بولغاچ،يۇرتىمىز گۈزەل،
تۇرمۇشىمىز باياشات،ئۆيىمىز يورۇق.

پارتىيەگە رەھمىتىم كۆپ،شارائىت ئەۋزەل،
ھەممە مىللەت بەك ئىناقتۇر،سىياسەت ئەۋزەل،
ناخشىمىزنىى ياڭرىتايلى،ئىناقلىق كۈيلەپ،
قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرلەيلى،مۇقۇملۇق ئەۋزەل.

بارلىغىمىز بالىلارنىڭ،قەلبىمىز چوغلۇق،
ئانا ۋەتەن قوينىڭدا،يولىمىز نۇرلۇق،
تېرىشايلى قول تۇتۇشۇپ،بوشاشماي ھەرگىز،
مۇقۇملۇقتۇر نىشانىمىز،دىلىمىز يورۇق.
     





87 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-4 21:35:13  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ