سۇس نۇر
ئابلىمىت ئابلا
ئەتلەس ۋە كانۋايلار نۇرلار چاچقۇسى ،
مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى ئالتۇن كۈمۈچتەك ،
ئاھ،نۇرلار يىنىمدىن غىل پاللا ئۆتتى،
مەن خۇددى ئۇنىىڭدىن يىراقلاشقاندەك .
بۆرىلەر پەريادى خىيالنى ئەزدى ،
يۇشۇرۇن قاچسىمۇ قاچالىشى تەس،
سۇس نۇرنى ئويلىسام تىترەپ كىتىمەن،
مەدەنىيەت بولدىغۇ ھەممىگە خەس.
قۇشلار يىنىدا تۇرىمەن ئۇزاق،
رەڭگارەك گۈللەرنىڭ ئاۋازىمۇ ساز ،
سۇس نۇرنى ئويلىسام قورقۇپ كىتىمەن
بۇ نۇرلار بىز ئۈچۈن باھاردىنمۇ ئاز .
كۈن چىقىپ ،كۈن پىتىپ كۈنلەرمۇ ئۆتەر ،
قەلبىمدە بۇ نۇرلار نىچۈن سۇسلىماس،
ھىيلىگەر بۆرىلەر كىلىپلا تۇرار،
چاڭقىغان يۈرەكلەر بۇنداق تۇنجۇقماس .
2016.9.13
| 60 قېتىم كۆرۈلدى | urtanma | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-16 21:31:16 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|