ھەر ئىشتا بار ھىكمەت
ئايشەمگۈل ئەخەت
كۆزۈمدىن ئاققىلى قويغىن يېشىمنى،
تۆكەيمەن تىنىمدىن قايغۇ ئەلەمنى.
سارغىيىپ ئۆتكۈم يوق پىغانلار چىكىپ،
سەل بۇلۇپ ئېقىتىپ كەتسۇن غېمىمنى.
تۆت كۈنلۈك دۇنيادا مىھمان ئىدۇققۇ ،
ھىچكىمگە باقىۋەندە بولماس ئىدىغۇ .
نە سەۋەپ رەزىللىك تۈگىمەس ئەسلا ،
پەسكەشلىك،سۈيقەست ئەۋىج ئالدىغۇ.
مەڭگۈلۈك دىيىشكەن تىرىك ئايرىلدۇق،
چىن ئاشىق ئۆزگىرىپ رەقىب ئاتالدۇق.
مىھرىمىز كۆتۈرۈلۈپ ئىنسان قەلبىدىن ،
چىن سۆيگۈ ، ئەقىدە ئېغىزدا قالدۇق،
ئاھ دەيمەن دەرتلىرىم يەتتى پەلەككە،
بۇ نىمجان يۈرەكمۇ تولدى ھەسرەتكە.
بىلسەممەن تەلىيىم كاج ئىكەن ئەسل،
شۈكرى دەي پۈتۈلگەن تەقدىر - قىسمەتكە.
ھەر ئىشتا بارھىكمەت سەۋەبى بىللە،
قايغۇغا كىلەر نۆۋەت شاتلىقى بىرلە.
تىلەيمەن ياخشىلىق ياماندىن يىراق،
پايدىلىق مەنپەئەت يەتكۈزەي ئەلگە.
2016-2-6
| 432 قېتىم كۆرۈلدى | ayixa | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-2-6 12:33:35 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|