ئارزۇلار - ئېلىجان ئابدۇكېرەم

         
ئارزۇلار

ئېلىجان ئابدۇكىرەم

گۈل تىكىپ ھاياتنى گۈللەتمەك ئۈچۈن،
ياشايدۇ ئادەملەر ھەر خىل خىيالدا.
ۋەلىكىن كۈتكەندەك بولماس بۇ دۇنيا،
ھەر جاننى ئاخىرى قۇيار جاڭگالدا.

ئارزۇيى تاغ كەبى ھەربىر ئادەمنىاڭ،
ۋە لىكىن يەتمەك تەس تەڭلا ھەممىگە.
سىز دەيسىز باي بولسام مەن دەيمەن سۇلتان،
ئارزۇدىن يىتىش تەس يۇقىرى پەللىگە.

ئارزۇ قىپ يۈرمەيمىز ھەرگىز ئۆلۈمنى.
ئارزۇلار ھەممىسى كەلگۈسى ئۈچۈن.
ئالسام دەپ ئويلايمىز ئاينىمۇ قولغا،
كۈتمىگەن ئۆلۈملەر تەييار بىز ئۈچۈن.

بىلمەيمىز كىم ئۆلۈپ كېتىدۇ بۈگۈن.
كىم خۇشال ياشايدۇ گۈل قىسىپ ئەتە.
ھەممىمىز ياشايمىز ياخشى ئارزۇدا،
كۈتمىگەن ئۆلۈملەر قىلىدۇ پەتە.

شۇڭا بىز ياشايمىز ئارزۇ ئۈمىدتە،
ۋە لېكىن كۆڭلىمىز غەمكىن سۈكۈتتە.
سۈكۈتتىن ئارزۇغا قەدەم باسايلى،
مەردانە ياشايلى بۈگۈنكى كۈندە.

ئۈندىدار 231884127
2016...9..24
     





35 قېتىم كۆرۈلدى dlkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-10 5:07:58  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ