ۋىسالىغا يېتەلمىگەنلەر (شېئىر) - ئابدۇرۇسۇل قادىر ئىزچى

 ۋىسالىغا يېتەلمىگەنلەر 

 ئابدۇرۇسۇل قادىر  ئىزچى


قارا تۈندە ئىزدەپ تۇلۇن ئاي،
شېرىن ئۇيقىغا كىرەلمىگەنلەر.
نېمە شېرىن دەيسەن ھەي ئىنسان،
ۋىسالىغا يېتەلمىگەنلەر.

شېرىن خىيال ئەگىپ توختىماس،
ھەربىر ئۆتكەل ئۇزاق مۇساپە.
بىراق خىيال ئەسلا خىيال باس،
ۋىسالىغا يېتەلمىگەنلەر.

كۆپ ئىنسان بار دۇنيادا ئەسلى،
تەقدىر قولىدا ئويۇن قويغانلار.
ئويلىماس بىچارە سۇنغان ئۆزىنى،
ۋىسالىغا ھەي يېتەلمىگەنلەر.

ۋىسالىغا يېتەلمىگەنلەر،
ئويلاپ قويغىن ئۆزۈڭنى بىر كۈن.
ئالماقنىڭمۇ بەرمىكى بارمىش،
ۋىسالىڭغا يېتەرسەن مىسكىن.
     





25 قېتىم كۆرۈلدى izchii ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-26 1:13:15  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ