"ئىرادە"لىكلەر مەڭگۈ گۈزەل بولسۇن ​(نەسىر) - ئابدۇرۇسۇل قادىر ئىزچى

 "ئىرادە"لىكلەر مەڭگۈ گۈزەل بولسۇن
  ئابدۇرۇسۇل قادىر ئىزچى
(نەسىر)


      ھېلىمۇ ئېسىمدە سىلەر بىزنى چوڭ كۆرۈپ "ئىرادە مۆتىۋەرلىرى" دەپ چاقىراتتىڭلار، بىزمۇ سۆيۈنۈپ سىلەرنى  "ئىرادە گۈزەللىرى"دەپ ئاسماندا كۆتۈرەتتۇق. شىنجاڭنىڭ ھەرتەرەپلىرىدىن كەلگەن بىزلەر بىلىم قاينىمىغا چۆكۈش، چوڭ غايە-كۆرەشلەر بىلەن بۇ گۈلزارلىققا يەنى شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ "ئىرادىلىكلەر سىنىپى"غا جەم بولغان ئىدۇق. تەغدىر بەرگەن بۇ كاتتا يىغىلىش، بىزنى كەلگۈسى ئۈچ يىلدا چوڭ شان-شەرەپلەرگە ئىشتىراك قىلغۇزغان ئىدى. ئۈچ يىل جەريانىدا ، بىلىمگە بولغان ئىشتىياق بىزدىكى مەڭگۈ ئۆچمەس مەقسەت-مۇددىئا بولسا، ئارىمىزدىكى مىھرى-مۇھەببەت ئالتۇنغا تەڭ قىلغۇسىز تۇتىيا ئىدى. مىھرىبان ئۇستازىمىز ئاسىيە مۇئەللىم بىزگە ھەردائىم بىزگە:" سىلەر شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئاۋانگارت قۇشۇن، پۈتۈن خەلىقنىڭ ئۈمىدى سىلەرگە يۈكلەنگەن، سىلەر مىللىتىمىزنىڭ، دىيارىمىزنىڭ، ھەتتاكى دۆلىتىمىزنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى ئىلغار ياشلاردىن سانىلىسىلەر. "دەپ رىغبەتلەندۈرەتتى. بۇ چاغدا، سىلەر ھەم بىزلەر غايە نۇرىغا تولغان پارلاق كۆزلىرىمىزنى يوغان ئېچىپ، كەلگۈسى توغرىسىدا غايىۋىيلىك ئۇلۇغ سۆزلەرنى قىلاتتۇق. بەزىلەر دوختۇر بولۇپ خەلقىمنى جىسمانىي ئازاپتىن قۇتۇلدۇرىمەن دېسە، بەزىلار ئوقۇتقۇچى ئالىم بولۇپ خەلقىمنىڭ روھىي دۇنياسىنى يورىتىمەن، خەلىقىم ئۈچۈن دۇنياغا بىر كىشلىك تۆھپەمنى قوشىمەن دەيتتى. يەنە بەزىلەر بولسا مەيدىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ، باشلىق بولۇپ خەلقىمنى بېيىشقا، دەۋرگە ماسلىشىشقا يىتەكلەيمەن دەپ ئۇلۇغ غايىلەرنى كۆڭۈللىرىگە پۈكىشەتتى. "ئىرادە" سۆزى قەلبىمىزنىڭ ئەڭ ئىچكىرى قاتلىرىغا سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، بىزنى ھەرۋاقىت تېتىك ھالەتتە تۇرۇشقا ئۈندەيتتى.   پولاتتەك بۇ ئىستەكلەر دائىم بىزنى چۆرىدەپ تۇراتتى. كەلگۈسى قانداق بولۇشتىن قەتئىي نەزەر "ئىرادە" سۆزى مەڭگۈ يادىمىزدا ئىدى. چۈنكى "ئىرادە بولغۇسى چوڭ غايىنىڭ ھۇجۇدقا چىقىشى."دېگەنگە ئىشىنەتتۇق.
       "گۈزەل"سۆزى سىلەردەكلەرگە خاس ئىدى. چۈنكى سىلەر ئەدەپ-يۇسۇنلۇق ھەم مىھرىبان ئىدىڭلار. سۆيۈملۈك ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز زەينۇرە مۇئەللىم دائىم بىزگە:"ئادەم مەڭگۈ ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن قۇل بولۇپ ياشايدۇ، ھەقىقىي غالىپ ئادەم تىرىشقان ھەم شۈكرى قىلغانلاردۇر. ئالدىراڭغۇ كىشىلەر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىلەن بەخت تۇيغىسىغا ئىرىشەلمەيدۇ، چۈنكى مۇۋەپپەقىيەت مەغلۇبىيەت بىلەن بىرىكپ كەتكەن، خۇددى جاپا تارتمىغان كىشى قۇناق ئېشىنىڭ مەززىسىنى بىلمىگەندەك. مەندىكى ئوقۇتۇش پىرىنسىپى ھەرگىز ئىمتىھاندا يوقىرى نۇمۇر ئالدۇرۇش ئەمەس. ئەدەبىياتىنىڭ مەنبەسى ئىجتىمائىي تۇرمۇش. ۋەھالەنكى مىنىڭ مەقسىتىم سىلەرگە ئادەم بولۇشنى ئالدىن ئۆگۈتۈش. بولۇپمۇ سىلەردەك ئىلغار ياشلار چوقۇم ئادىمىيلىك-پەزىلەتنى يوقىرى پەللىگە كۆتىرىشى كىرەك، چۈنكى جەمىيەتتە ئادىمىيلىك ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. " شۇنداق، "ياخشىلىق ۋە يامانلىق توغرىسىدا"، "ئەدەپ-ئەخلاق توغرىسىدا" دېگەن ئۆلمەس  نىزاملىرىمىزنى مەڭگۈ قەلبىىزدە ساقلىشىمىز كېرەكتۇر.
     شەرمىي-ھايالىق قىزلار ھەمىشە ئادەمنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ. ئىشىنىمىزكى سىلەرمۇ شۇ خىلدىكى نازىنلاردۇرسىلەر. سىلەرگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەت ھەممەيلەندىن ئېغىر ھەم مۈشكۈل. چۈنكى سىلەر كەلگۈسىدىكى ئۇلۇغ مىھرىبان ئانىلار، كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ بىرىنچى ئۇستازى. ئىسىڭلەردە بولسۇنكى، ھەرگىزمۇ تاشقى قىياپىتىڭلاردىن بىزار بولماڭلار، ھەر ئىشتا بىر چوڭقۇر ھىكمەت بار. سىلەر مەڭگۈ گۈزەللەردىنسىلەر، ھەرگىزمۇ ئۆزۈڭلارنى كەمسىتىدىغان تۇيغىدا بولماڭلار، سىلەر ناھايىتى مۇنەۋۋەر گۈزەل كىلەچەكنى يارىتالايدىغان ئىقتىدار ئىگىلىرىدۇر. ئىشەنچىڭلارنى يوقاتماڭلار، ئىرادىسىزنىڭ ئېتىمۇ چاپالمايدۇ. ئوڭۇشسىزلىققا  يولۇققاندا  ھەرگىز ئارقاڭلارغا قايتماڭلار، بولمىسا چۈشكۈنلۈك ھاسىل بولۇپ، ئۆزۈڭلەرگە بولغان ھۆرمەت يوقايدۇ. ئاكتىپ ئىنىرگىيەنى ئۆزۈڭلارگە ھەرۋاقىت ھەمراھ قىلىڭلار. ئاتا-ئاناڭلارنى ھەرۋاقىت ياد ئىتىپ تۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇلار دۇنيادىكى بىردىنبىر سىلەرنىڭ بەختىڭلار ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىشقا تەييار كىشىلەردۇر.گۈزەللىك سىلەرگە مەڭگۈ ھەمراھ بولغۇسى. كەلگۈسى پەرزەنتلەر سىلەرنىڭ ھارارىتىڭلەردە ساغلام، ئەقىللىق ھەم قالتىس يىتىشىپ چىققۇسى. ئانا ئۇلۇغ ، ئانا قەھرىمان. كەلگۈسى قەھرىمانلىرى، توختاپ قالماي ئالغا ئىلگىرلەڭلار، تېخىمۇ "گۈزەل" بولۇپ يېتىشىڭلار.
     بۈگۈن بايرام، بۈگۈن سىلەرنىڭ، زىمىندىكى پۈتكۈل ئانا،خانىم-قىزلارنىڭ كاتتا تەبرىك كۈنى. قەلىبداش ئىرادىلىكلەر ھەرتەرەپلەردە بولغىنى بىلەن چوڭقۇر قەلبىدە يەنى ئاشۇ غايە ئۈچۈن كۆرەش قىلغان دەقىقىلەر بار.  بايرام بۈگۈنلا بىركۈن، بىراق بىزدىكى ساۋاقداشلىق مىھرى مەڭگۈلۈك. بايرىمىڭلار قۇتلۇق بولسۇن. بەخىت سىلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن.
   ئىرادىلىكلەر مۇھەببەت شىرنىسى بۈگۈنلا شىرىن بولماي، مەڭگۈ تامچىپ خۇشپۇراق چېچىپ تۇرغىسى.
    (8-مارت خانىم-قىزلار بايرىمىغا ئاتاپ يېزىلدى.)
                            2017.3.8





193 قېتىم كۆرۈلدى izchii ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-6 21:25:37  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ