سەن نەدە ئاتا - قەيسەرجان دولقۇنى

سەن نەدە ئاتا

قەيسەرجان دولقۇنى

سەبىي قەلبىم تەلپۈنگەندە ئاتا مىھرىگە ،
ئۆگەي كېلىپ دەشنام بەردى سەن نەدە ئاتا ؟
دۇچار بولسام ھەربىر نۆۋەت تاياق دەشنامغا ،
تەسەللىيگە مۇھتاج ئېدىم سەن نەدە ئاتا ؟

سوقىندى بوپ كوچىلاردا زار-زار يىغلىدىم ،
باشقىلارنىڭ بالىسىدەك خۇشال يۈرمىدىم ،
بەخت نىمە؟مىھىر نىمە ؟زادى  بىلمىدىم ،
مىسكىن كۆزدىن ياش تۆككەندە سەن نەدە ئاتا ؟

مەن يايراشتىن ھەقىقىي بىر كۈلۈپ باقمىدىم ،
غۇۋا بولغاچ مەنزىلىمنى كۆرۈپ باقمىدىم ،
جان ئاتا دەپ سوقتى يۈرەك ،سېنى ساقلىدىم ،
ئازاپقا دۇچ كەلگىنىمدە سەن نەدە ئاتا ؟

نەكى پەرۋىش ،نە كۈيۈنۈش خەۋەرسىز قالدىم ،
سەن بولمىغاچ بەڭۋاشلىقتا تەربىيەسىز قالدىم ،
شۇ سەۋەپتىن خاتا يولغا گىرىپتار بولدۇم ،
تەتۈر قەدەم ئالغان چاغدا سەن نەدە ئاتا ؟

سەرگەردان بوپ نى كۈنلەرنى ئۆتكۈزدۈم باشتىن ،
ئەمدى مانا ھالقىپ ئۆتتۈم ئەقىلسىز ياشتىن ،
بولدى ئەمدى توختىتىمەن كۆزۈمنى ياشتىن ،
غەيرىتىمنى كۆرگىن كېلىپ سەن نەدە ئاتا ؟؟؟





46 قېتىم كۆرۈلدى dolkuni ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-24 13:26:28  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-26 23:34:48 دىلدارقىز
بەك ياخشى يىزىپسىز قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن،
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ