بولدى مىنى يىگانە قويغىن

بولدى مىنى يىگانە قويغىن

 

 ئاپتۇرى ئېھسان(ئاۋات)

 

 ماڭا قاراپ ساختا كۈلگىچە،

 خاتا يولغا باشلاپ ماڭغۇچە.

 زالالەتنى زورلاپ تاڭغۇچە،

 بولدى مىنى يىگانە قويغىن.

 

تەقۋالاردەك ساختا كۆرۈنۈپ،

 بۆرە تۇرۇپ قويغا ئۆرۈلۈپ.

 ھەققە ماڭغىن دىسە سۆرۈلۈپ،

 بولدى مىنى يىگانە قويغىن.

 

 خەققە باشقا ماڭا ھەم باشقا،

ئوخشىتىسەن زەھەرنى ئاشقا.

 رول ئېلىپ سەن ئۇستاياشاشقا،

 بولدى مىنى يىگانە قويغىن.

 

 ناز قىلىسەن كۈندە نەچچە خىل،

 قەلبىڭ زەھەر ھەسىلىڭدۇر تىل.

 ئاخىر ھىساپ بىرىسەنغۇ بىل،

بولدى مىنى يىگانە قويغىن.

 

 2015/9/30كۈنى ئەتىگەن

 ئۈندىدار ihsan571633





121 قېتىم كۆرۈلدى ihsan571633 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-30 9:22:30  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ