ئۆلىسەن بىر كۈن - سېراجىدىن جەۋلانى

ئۆلىسەن بىركۈن 

سېراجىدىن جەۋلانى


دۇنيادا ياشىدىڭ، ئۆلىسەن بىركۈن.
ھېساپ ئال ئۆزۈڭدىن ،ئۆتكەن ھەربىر كۈن،
قاچان ئۆلىدۇ ،بىلمەيدۇ ھچكىم.
ۋىجدان بىلەن ياشاپ ئۆل ،ئۆلسەڭمۇ بىر كۈن.

ئەتراپىمغا سالدىم مەن نەزەر .
كىملەر كەتتى ،كىملەر قالدى دەپ .
كەتكەنلەرگە ئېچىندى ،ئېچندى ھەركىم
بەزىلەر كەتكەن بىلەن ،ئۇنتۇلدى بىركۈن

ھالال يەپ ،ياخشى ياشا ،
ھەردەم نېرى قاچ ھارامدىن.
قالۇر نامىڭ ئەل ئارا .
لىكىن قورقما ئۆلۈمدىن

دۇنيادا ياشىدىڭ تۆھپە قوش ئەلگە
بىلىم ئال توختىماي كۈنسېرى ئۆرلە
بىلىمنى ياخشى يەرگە ئ‍ىشلەتكىن يەنە .
تارىختا قالدۇرارسەن ئۆچمەس خاتىرە

تارېخقا قارا ھەقىقەت سورا
مەھمۇد قەشقىرى ،يۈسۈپكە قارا
ئۆتسېمۇ ئارېدىن نەچچە ئون مىڭ يىل.
ئۇنتۇماي ئۇنى ،ئەسلەرمېز يانا.

سېراجىدىن جەۋلانى
     





167 قېتىم كۆرۈلدى سېراجىدىن جەۋلانى ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-13 16:08:20  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-14 21:09:36 ھاۋاگۈل شېئېر ھەۋەسكارى
بۇ شېئېر قالتىس يېزىلىپتۇ ، قېرىندىشىمىزنىڭ تىخىمۇ تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . ئاتاقلىق شائىر بۇلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن !!! تىرىشىڭ سىراجىدىن 👍👍👍
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ