پەرزەنتىم بولسا (شېئىر) - نېغمەت ئىمامھۈسەن

 پەرزەنتىم بولىسا…

نېغمەت ئىمامھۈسەن


مۇھەببەتلىك  ئىللىق ئائىلە قۇردۇق،
پەرزەت يوق دائىما جىدەلدە ئۆتتۇق.
زارىقىپ تەڭىردىن پەرزەت تىلىدۇق،
چاڭقاشلا تۈگەرمۇ؟ پەرزەنتىم بولسا.

«دادا»دەپ ئالدىمغا كەلسا يۈگۈرۈپ،
«ئانا»دىسە چۈچۈك تىلدا كۈلۈپ،
يۈرەكلەر ئوت بولۇپ كىتەرمۇ كۆيۈپ؟
سۆيۈشلەر قانارمۇ؟ پەرزەنتىم بولسا.

ۋىلىق-ۋىلىق تاتلىق كۈلۈپ يايرىسا،
ئۇيۇنچۇق  بەرسەم خوشال ئوينىسا.
بازاردەك ۋاڭ-چۇڭدا ئۆيۈم قاينىسا.
جىمجىتلىق تۈگەرمۇ ؟پەرزەنتىم بولسا.

باغىرىمغا بىسىپ مەڭزىگە سۆيسەم،
مېن قوزام دۈمبەمگە ئات قىلىپ دىسەم.
مەڭگۈ سۈيىدە ئىقىپ ، ئوتىدا كۆيسەم،
ئاھ تەڭىرىم تەلىپىم پەرزەنتىم بولسا.

نېغمەت ئىمامھۈسەن (بۆرتالا شەھىرى)
2017.3.10
     





89 قېتىم كۆرۈلدى ahyar ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-22 20:19:18  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ