خىتاپ - ​ ئۈمۈد.ئابلىكىم

  خىتاپ

 ئۈمۈد.ئابلىكىم 


 ئاناڭغا دوق قىلما ئەزۋەيلىدى دەپ ،

 ئەنسىرەر، چۈنكى سەن ياقا يۇرتلاردا.

 «بالامنىڭ تەنلىرى ساقسىزمۇ ساقمۇ،

نېمىلەر يېگەندۇ تاماقلىرىدا؟»

  سەن ئۇنىڭ باغرىنى يېرىپ چىققانسەن،

 ئاڭلىنار ئاۋازىڭ قۇلاقلىرىدا.


 ئاتاڭنىڭ بەزىدە ئاچچىقلىشى بار،

 توسۇقتۇر سەن ئۈچۈن يامان يوللاردا.

 قاتتىق قول بولغىنى پايدىدۇر ساڭا،

 مۇھەببەت يېلىنجار يىرىك قوللاردا.

 ئۇنىڭمۇ باغرى گۆش، ئەنسىزلىكى بار،

 ئېيتالماس، كۆمۈلگەن قەيسەر دىللارغا.


 ئاقاردى مەنزىلسىز قۇندۇز چاچلىرى،

  بالام دەپ پايپېتەك بولۇپ سىرتلاردا.

بويالغان چاچلىرى بىلمەيسەن، ئەمما 

 بىلىنەر ئاقلىقى ساقال-بۇرتلاردا.  


 24-2014-دېكابىر    نەنچاڭ

 ئۈمۈد.ئابلىكىم 


   





53 قېتىم كۆرۈلدى umut_1116 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-9 0:02:01  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ