كېتىمەن
مۇھەممەد ئەركىن چىن يار
قوغلىما نىگارىم مۇز ياغقان كۆزدە ،
خالىساڭ يۇلتۇزغا سىڭىپ كېتىمەن .
سۆيگۈنىڭ ئولتۇرۇپ غېرىپ ھارۋىسغا ،
يامغۇر رەڭ ياشلاردىن شاراپ ئىچىمەن .
بىر كەتسەم يېنىڭدىن قايتا كەلمەيمەن ،
قاغجىرغان لېۋىمگە زەھەر تەڭلەيمەن .
ئاشقلىق شەھىردە يۈرسەم ۋەيرانە ،
ئىككىنچى بىرسىگە كۆڭۈل بەرمەيمەن .
كېتىمەن قالىدۇ قۇپقۇرۇق سەھەر ،
ئۆچۈرمەن ئىزىڭنى بەلكىم تاملاردىن .
يۈگۈرسە تەنھالىق كوچاڭنى بويلاپ ،
سورىما چىمەنلەر ئۆسكەن باغلاردىن .
| 123 قېتىم كۆرۈلدى | مۇھەممەد ئەركىن چىن يار | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-9-18 14:24:20 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|