سىغىنىش - شاھتۈرك

 سېغىنىش
شاھتۈرك


تۈن كېچە بەك ئۇزۇن يامان چۈش كەبى،
تولۇن ئاي باقىدۇ سوغۇق نەزەردە.
ياستۇقۇم بىلىدۇ ھەممە ھەممىنى،
تۇنۇشتەك بىلىنگەن يات بۇشەھەردە.

سېغىنىش ئاددى سۆز ئاڭلىماق ئۈچۈن،
ۋەلېكىن ۋەزىنى مىڭ پاتمان كېلەر.
كاككۇكلار سايرىسا جۈپتىنى ئىزدەپ،
زەينەپلەر قەدرىنى كەتكەندە بىلەر.

سېغىندىم شۇقەدەر سېنى ئاھ گۈلۈم
قۇش قىلىپ ئۇچۇتتۇم مەنزىلى ئۆزۈڭ.
شۇ تاپتا ئۇيقۇسىز تۇرۇسقا قاراپ،
ھىجرانلار ئىچىدە نەملەندى كۆزۈڭ.

سېغىنىش سېغىنىش تاتلىق سېغىنىش،
يوقلۇقۇم قەدرىمگە يەتكەنسەن بەلكىم.
قەلبىڭگە بىر ئىللىق سېزىم كەلگەندۇ؟
ئېسىڭدىن لىپ قىلىم ئۆتسە سىمايىم.

ئىككى ئۆي، تۆشەكتە خىياللار تۇلا،
قەلبىمنى ئۇخچۇيدۇ شۇنداق بىر ئەلەم.
كۆتۈپ تۇر لەيلىدەك مەجنۇنمەن ئۆزۈم،
تاپىمەن غېرىبنىڭ مەنزىلى سەنەم.

2015.7.19كېچە شەھرى غۇلجا
     





61 قېتىم كۆرۈلدى ئايگۈل ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-27 22:32:14  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ