يۇقلاپ كەپتۇ ھېيتتا بالام
رەھمىتۇللا تۇرسۇن
«ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈرەك سۇزى»
ئەسسالام دەپ يېراقتىن مىنى،
يۇقلاپ كەپتۇ ھېيتتا بالام.
مەھكەم بېسىپ باغرىمغا ئۇنى،
شىپا تاپتى مىنىڭ دىل يارام.
قاچان كىلەر جېنىم بالام دەپ،
تەشنا ئىدىم ئۇنىڭ يۇلىغا.
كۆزلىرىمدىن ئۇچقان ئىدى ئۇ،
يۇللىرىغا قارايتتىم تۇلا.
ئولتۇرساممۇ ئايۋان-سارايدا ،
كەپە ئىكەن بالام بولمىسا.
ھېيت بىزگە ھېيت بۇلاركەن،
بولسا ئەگەر بالام يېنىمدا.
يىگەن گۆشمۇ تېتىمايدىكەن ،
شورپىلارمۇ ھەم سىڭمەيدىكەن.
چۇشەنگەچكە بۇنى جان بالام ،
يىراق يەردىن شۇڭا كەپتىكەن.
بارىكاللا ئەقلىڭگە بالام ،
دۇئا قىلاي پات-پات كەپ تۇرغىن.
بالىسىز ئوي مازاركەن بالام،
كىلىپ ئۇيىمىزنى ئاۋات قىلغىن.
180 قېتىم كۆرۈلدى | رەھمىتۇللا تۇرسۇن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-9-14 5:31:45 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|