نەي پىراقى
مۇھەممەدباي بادۇر شاۋگۈنى
نەي ئۈنى روھلارغا تەگدى،
غايىب مۇڭى دىللارنى چەكتى.
لەكمىڭ تۇلپار "تۈمبەك سازى"دا*
چەۋەنداز ھۇنىرى ساماغا يەتتى·
زېمىن بەرگەن شاد زوقى بىرلە،
شاھ بۇلدى كۆڭۈل قەسىرگە؛
ھەربىر تۆشۈكتە پامىر كۈيى،
ئۆركەشلىدى خەلقىم تۆرىگە .
بۈركۈتمۇ كىلىپ قۇندى ئاڭا،
ئۆز كۈيىگە بولۇپ ئۇ شەيدا.
چالساڭ تاغدا قۇياش پەسلىدى،
مۇڭلاندى گۈل تەبىئەت ئانا.
مەشرەپكە چۈشتى ئەل تامان ،
ياڭرىدى دەريا بۇيى بۇ كۈي.
سۇلار تۇختىدى ئېقىندىن،
ئۇسسۇلغا چۈشتى گولرۈي.
چالدى چاۋاك كېيىك، ئولار،
سايراشتىن تۇختىدى قۇشلار.
بۈركۈت ئەۋلادى سىرلىق تىلسىمات؟
نەي پىراقتا ئالەم ياشىنار !
خاتىمە
نەي پىراقى -بۈركۈت روھىدۇر،
بۈركۈت روھى خەلقىم كۈيىدۇر.
بۈركۈت دېمەك تاجىك سىماسى ،
"مۇز جىلغىسى ئاتەش زېمىندۇر .
---------------------------
*تۈمبەك ساز- تاجىكلارنىڭ مەخسۇس ئۇغلاق تارتىش مۇزىكىسى .
---------------------------
*نەي پىراقى -تاجىك مىللىتنىڭ سۆڭەك نېيى پىراقنى دېمەكچى ؛
| 31 قېتىم كۆرۈلدى | مۇھەممەدباي باھادۇر شاۋگۈنى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-2-8 5:34:53 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|