كەت مۇھەببەت - نۇرئەھمەدجان مەمتىمىن شەرئى

         كەت مۇھەببەت 

نۇرئەھمەدجان مەمتىمىن شەرئى


خەيرى-خوش ئەي تۇنجى، سۆيگۈ مۇھەببەت،
كىتىپ قال ئۇزىتاي  سىنى يىراققا.
يار كەتتى سەنمۇ كەت ئاڭا ئەگىشىپ،
مەن قالدىم نىگارسىز ئاچچىق پىراققا.

ئەجەپمۇ مۈشكۈلدۇر ياردىن ئايرىلىش،
نە ئامال بىۋاپا كەتكەندە تاشلاپ.
كەتكىن،كەت يىنىمدىن سەندىن ئۆتۆنەي،
كۆيدۈرمە دىلىمنى،كۆزۆمنى ياشلاپ.

سەن بولساڭ قەلبىمنى تىلغار سىغىنىش،
يۈرەرمەن ھەركۈنى ھىجراندا قاقشاپ.
زەنجىرىڭ باغلايدۇ جىسمىمنى مەھكەم،
قالغۇم يوق مەجروھلۇق نىمجانى ئاقساپ.

نەقىلاي ئايرىلدىم سۆيگەن يارىمدىن،
قىينىدى داغلىدى مىڭ بىر ئەلەمدە.
مەن غىرىپ ناتىۋان ئىچىڭ ئاغرىسۇن،
نىتەيكىن بولمىسا ئىزھار قەلەمدە.

ئۆلۆمگە سۆرۆلمەي،جۇدا بولدۇم دەپ،
ئارام بار سەندىنمۇ قالسام تاشلىنىپ.
باغ ئارا يۈرگەندۇ بىۋاپا سەنەم،
ياشىشىم كىرەكقۇ مەنمۇ شادلىنىپ.

ياشنىغىن كۆكلىگىن ۋاپا ئەھلىنىڭ،
سەن ئۈچۈن سوققان شۇ يۈرەكلىرىدە.
يالغۇزلا سوقالماس مىنىڭ يۈرۈگۈم،
سەن گۆھەر چىن مىھىر تىلەكلىرىدە.

ماڭىمۇ شۈنچىلىك مۇقەددەس ئىدىڭ،
رەنجىمە مىنىڭدىن قوغلىدى دىمە.
ئىزدەيمەن،ساداقەت سۆيگەندە مىنى،
سائادەت كەلگەندە بولوپ بىر كىمە.


2016-9-28 شەرئى
    





64 قېتىم كۆرۈلدى نۇرئەھمەدجان مەمتىمىن ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-21 22:50:42  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ