نېمە بولساڭ ھەق ئۈچۈن بولغىن
*
ھەبىبى
*
يېرىم دىلغا ئاي بولۇپ تولغىن،
غېرىب باشقا بەخت بولۇپ قونغىن،
نېمە بولساڭ ھەق ئۈچۈن بولغىن،
مەيلى شاھ بول، مەيلى دېۋانە.
*
ئىشق يولىدا يالتىراپ تۇرغىن،
ئىشقى يوقنىڭ قەلبىدىن ئۇرغىن،
نېمە بولساڭ ھەق ئۈچۈن بولغىن،
مەيلى شام بول، مەيلى پەرۋانە.
*
سۆيگۈ قەسرىن گۈلگە ئورىغىن،
تەبەسسۇم قىل، دەردىڭ يوشۇرغىن،
نېمە بولساڭ ھەق ئۈچۈن بولغىن،
مەيلى يار بول، مەيلى يىگانە.
*
ئۆزىنى سۆي، ئۆزگىنى قويغىن،
مەنمەنلىكنىڭ كۆزىنى ئويغىن،
نېمە بولساڭ ھەق ئۈچۈن بولغىن،
مەيلى مەي بول، مەيلى مەستانە.
*
بارلىقىڭنى خۇداغا سۇنغىن،
توغرا يولدا كۆزۈڭنى يۇمغىن،
نېمە بولساڭ ھەق ئۈچۈن بولغىن،
مەيلى جان بول، مەيلى جانانە.
    
     
    
    
  
 
  
    
    |  207  قېتىم كۆرۈلدى  | 
     | 
    ئەسەر يوللىغۇچى :  | 
  
  
    
    | 2015-7-31 0:14:10 | 
         | 
     :يوللانغان ۋاقتى | 
   
  
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
 
		
		
		
		
		
		
		
		
			
				| 2015-8-3 2:39:27 | 
				ھايات يولۇم | 
			
			
				| ئېسىل چىقىپتۇ | 
				
			
		
		
		
		
		
		
		
		
				 
 
		
		
		
		
		
		
		
		
			
				| 2015-7-31 4:48:10 | 
				ئابلىكىم | 
			
			
				| ئوبدان چىقىپتۇ تىرىشىڭ | 
				
			
		
		
		
		
		
		
		
		
				 
 
		
		
		
		
		
		
		
		
			
				| 2015-7-31 1:03:42 | 
				ئابدۇرەھــىم | 
			
			
				| ياخشى يىزىپسىز ! تىخىمۇ تىرىشىڭ ؛ | 
				
			
		
		
		
		
		
		
		
		
				 
   
 
ئىنكاس يېزىڭ