‏كۈز ئاخشىمى- ئابدۇخېلىل مۇھەممەد قۇتتېكىن

 ‏كۈز ئاخشىمى 

ئابدۇخېلىل مۇھەممەد قۇتتېكىن 

ئاسمان قاپقارا يوقتۇر ھېچ يولتۇز، 
كۈز ئاخشىمى ھاۋا سوغۇق قىشنى چىللايدۇ.
تۇيۇقسىز ياغار ھەتتا ئۆتكۈنچى يامغۇر،
كوچىلاردا توڭلاپ كىشى مىڭنى تىللايدۇ. 

ياز كېچىسى مۆكۈشمەكلەر ئوينىغان بالا، 
كۈز ئاخشىمى قاياقلارغا غايىب بولىدۇ.
كوچىلارغا پەقەت سوغۇق بولار ھۈكۈمران،
ھەممە كىشى ئۆيلىرىدە ئىسسىق ئۇخلايدۇ. 

كۈز ئاخشىمى كوچىلارنى قاپلار غېرىبلىق،
يۇپۇرماقلار شاماللاردا ئۇچار ھەر يانغا.
پەقەت بىرلا دەتمەن يىگىت ماڭىدۇ يالغۇز،
يۈرىگىدە مىڭ بىر ئازاب ماڭار قايانغا. 

2016-11-4



     





36 قېتىم كۆرۈلدى kutteken ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-6 22:39:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ