گەر خالىساڭ دەرتلىرىڭگە دەرمان بولغۇم بار

ساقسىز بولۇپ قالغىنىڭدا دورا بولغۇم بار،

بىللە يىغلاپ ئازابىڭغا جورا بولغۇم بار.

پاك قەلبىڭگە توشۇپ كەتتى ئاچچىق ئىس-تۈتەك،

شۇ ئىسلارنى چىقىردىغان مورا بولغۇم بار.


ئۆتەلمىسەڭ ئىقىنلاردىن كۆۋرۈك بولغۇم بار،

ھالسىزلانساڭ يۆلەنگۈدەك تۆۋرۈك بولغۇم بار.

گەر سىغىنساڭ باغلاردىكى ئاچچىق غورۇنى،

غورۇ ئەمەس مەي باغلىغان ئۆرۈك بولغۇم بار.


قاراڭغۇدا يالغۇز مىڭىپ ئادىشىپ قالساڭ،

يوللىرىڭنى يورۇتقۇدەك چىراق بولغۇم بار.

بىر كۈنلىرى مىنىڭدىن ھەم زىرىكىپ قالساڭ،

سىغىنغىچە يانلىرىڭدىن يىراق بولغۇم بار.


دەرتلىرىڭنى يازىدىغان دەپتەر بولغۇم بار،

خەتلىرىڭنى توشۇيدىغان كەپتەر بولغۇم بار.

ھەر جەھەتتە سىنىڭدىن ھەم ئۈستۈن تۇرساممۇ،

ئالدىڭدا ھەم چاندۇرماستىن كەمتەر بولغۇم بار.


بىر سەن ئۈچۈن سايرايدىغان بۇلبۇل بولغۇم بار،

جەڭلىرىڭگە تەييار تۇرغان دۇلدۇل بولغۇم بار.

مىنى ئەسلەپ يىراقلارغا نەزەر سالساڭ گەر،

شوئان كىلىپ كۆزلىرىڭگە ئۇدۇل بولغۇم بار.


گەر خالىساڭ دەرتلىرىڭگە دەرمان بولغۇم بار،

مۇھتاج بولساڭ ئەتراپىڭدا پەرمان بولغۇم بار.

سەن ئۈچۈنلا ئالەمدىن ھەم بەخىتلەر ئىزدەپ،

ئاقىۋەتتە قەلبىڭدىكى ئارمان بولغۇم بار.

ئادىل ئازات 阿迪





232 قېتىم كۆرۈلدى ئادىل ئازات ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-7-29 3:42:40  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ