ئانا (نەسىر) - پاتىگۇل

ئانا (نەسىر) 

 پاتىگۇل


ئانا! ئانا دىگەن بۇ سۆزنى تىلىمغا ئالغىنىمدا كۆزلىرىم ئىختىيارسىز سىزنى  ئىزلەيدۇ، ھاياتلىق شامى ئۆچكەن ئاچچىق  ئازاپلاردىن يۈرەكلىرىم تۇز سۈيىگە چىلانغاندەك ئېچىشىدۇ. تەنھالىق قوينىدىكى ھەسرەتتىن قاتقان قاپقارا كۆزلىرىم جانسىز پىلدرلايدۇ، بۇ بەلكىم سىزدىن ئايرىلغان ئىككى يىل ئىچىدىكى سەزگۈلىرىم بولسا كىرەك.

ئانا، ھەرقېتىم ئەينەككە قارىغىنىمدا خۇددى سىزنى كۆرگەندەك بولىمەن. بۇمۇ ئۇرۇق–تۇققان ۋە خىزمەتداشلىرىمنىڭ، مىنى سىزگە ئوخشۇتىشىدىن ھىس  قىلغانلىرىمدۇ.  بۇ قېتىم يۇرۇتقا بار غىنىمدا يۇرۇتداشلارنىڭ: بۇ قىز بارغانچە زەينەپخاننىڭ ياش ۋاقىتلىرىغا ئوخشاپ قاپتۇ،-دىگەن سۆزلىرىدىن شۇنچىلىك خۇشال بولدۇم. رەھمەت ئانا!  مىنى ئۆزىڭىزگە ئوخشۇتۇپ ئاپىرىدە قىلغان ئۇلۇغ ئاللاھقا يۈز مىڭ شۈكرىلەر بۇلسۇن.

ئانا، سىزنىڭ جىسمىڭىزدا پۈتۈن كائىناتتىن تىپىلغۇسىز ئارتۇقچىلىقلار مۈجەسسەملەنگەن بولۇپ، سىزدىن شۇنچىلىك پەخىرلىنىمەنكى، بۇ ھېسياتلىرىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىمەن. ئەپسۇس تولىمۇ كىچىكتىم ئانا! ئەينى چاغلادا بىزنى چۇڭ قىلىمەن دەپ قانچىلىك جاپا مۇشاقەتلەرنى تارتىۋالغان بۇلغۇيتىڭىزھە!

جىنىم ئانا! منىڭ قۇزىدەك سەكرەپ غۇبارسىز بىخىرامان يۇرگەن چاغلىرىم، تاتلىق قىلىقلىرىم، چۈچۈك سۆزلىرىم، ئوماق كۈلكىلىرىم كۆز ئالدىڭىزغا كەلسە ئىخىيارسىز  ھاردۇقلىرىڭىز  چىقىپ، ئۆزىڭىزنى ئۇنتىغان ھالدا كەچلىك تاماققا تۇتۇش قىلار بولغىيتىڭىزمۇ؟ ھەر قېتىم كىچىك نەۋرىڭىز ئالدىمغا  يۈگرەپ  چىقسا ئۆزۈمنىڭ بالىلىقىنى ئەسلەپ، سىزنى ياد ئىتىمەن.

ئانا! سىز ئۆز ۋاقتىدا بىزگە: قىزىم كۈنلەرنىڭ ھەممىسى خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتىۋەرمەيدۇ، خۇددى باھارنىڭ جۇدىنى بولغىنىدەك...،-دەپ تەربىيەلەرنى بىرەتتىڭىز، خۇددى ئالدىن كۆرەر پەرىشتىلەردەكلا. بۇ سىزنىڭ ئەقىللىقلىقىڭىز، يەنە كىلىپ  باشقا ئاياللاردىن پەرىقلىنىدىغان ياشاش جەريانىدىكى تەجرىبىلىرىڭىز، ياشاش ئۇسۇلىڭىز بولسا كىرەك. چۈنكى مەن ئەقلىمنى بىلسەم سز ئائىلىدە دادامنىڭ ئورنىدا مۇستەھكەم يۆلەنچۈك، شۇنداقلا كۆيۈمچان ئانا، ئىش ئورنىدا مەسئۇلىيەتچان خىزمەتچى، تۈگىمەس باش ئاغرىقلار ئالدىدا بىر قەيسەر ئايال....

  سىز  نىمدىگەن چىداملىق ھە! مەن سىزدىن شۇنچىلىك پەخىرلىنىمەن ئانا! لىكىن سىزنى دورىيالمىغانلىقىمدىن ئەپسۇسلىنىمەن،   سىزنىڭ ئۆز قولىڭىز بىلەن بېقىپ چوڭ قىلىپ بەرگەن قىزىم 14 كە كىرىپ قالدى، يەنىلا تۇرمۇش بىسىمىدىن باش كۆتۈرەلمەيمەن، ئەينى چاغلادا سىز تۇرمۇش بىسىمىغا قانداقمۇ بەرداشلىك بەرگەنسىز، مانا ھازىر ئائىلە يۈكىنى بالىلارنىڭ دادىسى بىلەن بىرگە كۆتىرىۋاتقان تۇرۇقلۇقمۇ شۇنچىلىك بىسىم ھىس قىلىۋاتىمەن. سىز  بىز ئۈچ قىزنى يالغۇز  بىقىپ قاتارغا قوشۇش جەريانىدا بىرەر قىتىممۇ ۋايسىغىنىڭىزنى بىلمەيمەن، سىز نىمە دىگەن قەيسەر ھە! خۇددى قار ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتقان قارغايدەكلا تۇرمۇش جېڭىدە ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىپ باتۇرانە قايتىپ  كەلگەن جەڭچىلەردەكلا، ياق ئۇرۇشتىمۇ  ھامان يىڭىش–يىڭىلىش بولىدۇ، ئەمما سىز بۇ تۇرمۇش مۇساپىسىدىكى جەڭلەردە مىنۇت –سىكۇنىتنىمۇ قولدىن بەرمەي تىرىشىپ-تىرمىشپ، باشقىلار بىر چامدىسا سىز بىرنەچچىنى ئارتۇق چامداپ  ھەتتا يۈگۈرۈپ بىر ئۆمۈر غەلبىگە ئىرىشىپ كەلدىڭز،  ئەمما ئەشۇ  غەلىبىلەر قانچىلىق بەدەللەر، مۇشەققەتلەر بىلەن قولغا كەلگەن بولغىيتتى-ھە!

مانا ئەمدى ھىس قىلىۋاتىمەن، ياشاشتىن  ئىبارەت  بۇ دۇنيا نىمە دىگەن مۇرەككەپ ھە! راس بۇرنا كۈن كىچىك نەۋرىڭىزنىڭ چۈمۈلە ئوۋىسىنى بۇزغىنى دىققىتىمنى تارتتى، شۇلار جىنىدا ئۆز جەمەتىنى قۇغدايدىكەن،  مىھرى بىلەن بىر-بىرسىنىڭ كەينىدىن  ئىزلايدىكەن، بىز بەزى ئىنسانلارچۇ!؟ دەل ئەكسىچە. شۇنى ھىس قىلدىم، خۇددى تۇرمۇش بىر دىڭىز، پايانسىز بىر ئوكيان كۆز  يەتكۈسىز دۇنيا، ئەمما مەۋجۇتلا بولىدىكەنسىز ياشاش كىرەك، ياشاش ئوچۇن بەزىلەر شۇنچىلىك شەخسىيەتچى ئۇزىنىڭ مەنپەئەتى ئۇچۇنلا كورەش قىلىپ ئەتراپتىكىلەرنى ئويلاپمۇ قۇيمايدىكەن، بۇمۇ بىر ياشاش ئۇسۇلى بۇلسا كىرەك. توۋا، شۇلارنى ھىس قىلىۋاتىمەن، شۇ مىھرىبان ئاق كۇڭۇل ساخاۋەتچى ئانىلارمۇ ئاز  ئەمەس.

ئادەم  ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلىگىنىدە  ئۆزىگە ھەم  ئوزگىلەرگە يۈز  كىلەلىگۈدەك  ياشاش كىرەكلىگىنى ھىس قىلىۋاتىمەن. بۇلمىسا شۇ ئاڭسز ھايۋانلاردىن نىمە پەرقى؟ خۇددى سىزگە ئوخشاش بىر ئۆمۈر جاپا تارتسىمۇ ھالال ئەمگىكى بىلەن جەمىيەتتىن ئىبارەت بۇ دىڭىزدا ئۈزۈپ چىقالايدىغان، ھالال–ھارامنى، ياخشى-ياماننى، ئاق-قارىنى پەرق ئىتەلەيدىغان ھەقىقى بىر ئىنسان تەربىلەپ چىققىنىغا ئوخشاش.

رەھمەت  ئانا!  بىزنى شۇنداق ئىنساپلىق ئۆز تۇرمۇشىغا شۈكۈر قانائەت قىلىدىغان، تۇرمۇش جاپالىرىغا چىدىيالايدىغان ۋاپادار ئاياللاردىن قىلىپ تەر بىلىگىنىڭىزگە   مىڭ مىڭ مەرتىۋە رەھمەت!

2014-يىلى8-ئاينىڭ14-كۈنى

 خوتەن يولۇچىلار باش بىكىتىدىن:

پاتىگۇل زىياۋۇدۇن

     





244 قېتىم كۆرۈلدى پاتىگۇل ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-7 7:11:57  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ