خىرۇستال قىز
دىلبال
ماڭا چېقىلماڭ ،
قىزىلگۈلدەك بەرگىلىرىم تۆكۈلىدۇ ،
قەلبىمگە ئازار بەرمەڭ ،
سۇنۇپ پارە پارە بولىدۇ .
يىغىلىرىمنىڭ سەۋبچىسى بولۇپ قالماڭ ،
ياشلىرىمنىڭ دېڭىزىدىن ئۈزۈپ ئۆتۈشكە ،
كېمىڭىزنىڭ قۇدرىتى يەتمەيدۇ .
شۇنداق ،
مەن بىرئاجىزە ،
ئاۋايلىمىسىڭىز قەدىرلىمىسىڭىزلا قانىتىم سۇنىدىغان .
شۇنچىلىك ئاجىز ئىكەنمەنكى ،
قەلبىمنىڭ يارىسىنى قەلبىمگە سىغدۇرالمايدىغان ،
ۋە ياكى سىزگە ئوخشاش يارامنى دەپ ،
ئۆزۈمنى زەھەرلىيەلمەيدىغان .
مېھىر سۇلىرىڭىزنى سېپىڭ ،
پۇرىقىمدىن بىر نەپەس بېرەي .
ئاۋايلاپ ئاسراپ بېقىڭ ،
خىرۇستال بولۇپ كۆزىڭىزنى چاقنىتاي .
2017,01,31 كورلا
| 98 قېتىم كۆرۈلدى | dilbal | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-1-31 21:43:23 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|