مىنىڭ شۇنداق ئاتام بار

مىنىڭ شۇنداق ئاتام بار

 

دىلشات ئابدۇسەمەت

 

پەرزەنىت ئۈچۈن كىچە-كۈندۈز تىنماي ئىشلىگەن،

 تارتسىمۇ گەر جاپالارنى چىشنى چىشلىگەن.

 يەلكىسىدە ئېغىر غەم ئاتتەك كىشنىگەن،

 دۇنيالىقتا مىنىڭ شۇنداق ئىسىل ئاتام بار.

 

 چۆل-جەزىرە قۇملۇقلارنى گۈلگە ئورىغان،

 خامان تېپىپ ئايدىڭلاردا بۇغداي سورىغان.

 يولباش بۇلۇپ قېرىنداشقا نۇردەك يورىغان،

 دۇنيالىقتا مىنىڭ شۇنداق ئىشچان ئاتام بار.

 

 بويۇن ئەگمەي ياۋلارغا مەغرۇر ياشىغان،

 نۇرغۇن ئۇرۇش جەڭلەردە يوللار باشلىغان.

 زەرد ئاچچىقتا دۈشمەنلەرنى يەرگە تاشلىغان،

 دۇنيالىقتا مىنىڭ شۇنداق باتۇر ئاتام بار.

 

كەلسە كۈلپەت مىڭلارچە بىرەر قېتىم چاندۇرمىغان،

 يىتىم يىسىر غېرىپنى قۇرۇق قولدا قايتۇرمىغان.

 ئۆزگىلەرنىڭ كۆڭلىنى دەپ پەرىشاننى ياندۇرمىغان،

 دۇنيالىقتا مىنىڭ شۇنداق سېخىي ئاتام بار.





275 قېتىم كۆرۈلدى دىلشات ئابدۇسەمەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-20 18:44:43  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-9-21 5:24:26 سارسان يۇرەك
بۇ تىماتىما ھاقىقەتەنھاقىقەتەن ياخشىياخشى يىزلىپتۇيىزلىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ