ئىلىخو
نۇرمۇھەممەت مۇسا
"غۇلجا "ئەمەس "ئىلىخو "،
دىگەن بۇۋام ئىدىغۇ.
بۈگۈن مىڭلاپ ئوغلانلار ،
سېنىڭ غېمىڭ يىدىغۇ .

مۆلدۈر يېغىپ ئېزىلدى ،
بۇغداي ، قوناق بۇزۇلدى .
"قارا باسقان بۇ چۈشمۇ" ،
ئەجەپ ئۇزۇن سوزۇلدى .

ئات- ئۇلاقنى ئېقىتىپ ،
ئىستولبۇلار يىقىتىپ.
كەلكۈن كەلدى بەك ئۇلۇغ ،
ئۆي ئۆگزىلەرگە يېتىپ .

بۇزۇلۇپتۇ يوللارمۇ ،
ئېچىلىپتۇ ئۆي ئۇللارمۇ .
شۇنداق قالدى ماكانسىز ،
يېتىم ئوغۇل -تۇللارمۇ .

ۋىجدانىم قەرز بۇلارغا ،
ئۈندىدارغا يوللارغا .
ئىشەنچىم كامىل مېنىڭ ،
سېخى -جەننەت قوللارغا .
2016-6-19
| 317 قېتىم كۆرۈلدى | نۇرمۇھەممەت مۇسا | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-6-19 22:06:45 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
| 2016-6-22 12:44:37 | رۇشەنگۇل ئەيسا |
| ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ رەخمەت | |
| 2016-6-21 3:36:14 | ئابدۇغىنى ئەيسا |
| يارايسىز ئاكا | |
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|