2- ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى «ئانا تىل بايرىمى»نى مۇبارەكلەپ!
ئانا تىلىم بايرىمىڭ بوپتۇ
ئابدۇراخمان ئىبراھىم
يىگىرمەبىرىنچى فېۋرال كەپتۇ،
سېنى كۈيلەپ،قەلەم تەۋرەپتۇ.
بىلسەم بۈگۈن،ئەسلىدە سىنىڭ،
ئانا تىلىم بايرىمىڭ بوپتۇ.
مەنمۇ يازدىم، شەنىڭگە شېئىر،
چىن سۆيگۈڭدىن مىسرالار تىزىپ،
پۈتۈپ چىقتى،شېئىرمۇ ئاخىر.
ئوتتۇزئىكىكى ھەرپنى سىزىپ.
قانچە يازسام،شۇنچە ئاز ساڭا.
ئانا تىلىم،ئانام بەرگەن تىل.
بولسۇن شېئىرىم،بۈگۈنۈڭ ئۈچۈن،
دىلدىن سۇنغان،ئاددىي بىر تال گۈل.
مۇھىملىقىڭ ھەممىگە مەلۇم،
چۈشەندۈرۈش بەكمۇ ئارتۇقچە،
سەن گوياكى مىللەتكە كىملىك،
ئۇيغۇرلۇققا، سالاھىيەتكە.
شۇڭا سېنى قوغداش، بىز ئۈچۈن،
ئۇيغۇرلۇقنى قوغدىغانلىقتۇر.
بۇزىۋېتىش- ھەر ئىبارەڭنى،
ساپلىقىڭنى قوغلغانلىقتۇر.
ئارزۇيۇم شۇ،سېنى ئىشلىتىپ.
بولسام دەيمەن،ئۇيغۇر شائىرى.
چۈنكى شائىر بولالماس ھېچكىم،
بولماي تۇرۇپ، ئۆز تىل ماھىرى.
ئەمگىكىمنى قەدىرلەڭ، نامسىز قويماڭ.
2017.2.21
187 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇراخمان ئىبراھىم | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-2-22 1:06:37 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-2-25 8:45:43 | رىشاد |
سىنىڭ يازغىنىڭ شىئىر مۇ ياكى گەپمۇ قاپىيە دىگەن نەرسە يوق باشقىلارغا گەپ قىلغاندەكلە ئوقۇدۇم |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|