مەڭگۈلۈك مۇھەببەت
بۇخەلچەسادىق سەلكىن
www.yazghuqilar.com
دەريا بويلاپ ھاردىم دىمەستىن ،
يەنە تاغقا چىقىنىڭ ھەيۋەت .
قولۇم تۇتۇپ ئاستا پەپىلەپ ،
ئويلىدىڭسەن مەڭگۇ گە ئەبەت،.
دەريا قىنىدا ئولتۇردۇق بىللە ،
بىللە كەشتۇق دەريا سۇيىنى .
خىيالىڭدا چىگىش بىرخىيال ،
ياڭراتقىڭ بار بەخىت كۇيىنى .
مۇھەببەتتە ھەقىڭ بار لىكىن ،
تەڭرى تاغنى تەشمىكىڭ قىيىن .
تاغ باغرىدا ئىزلىرىڭ قالغان ،
كىلەر سەنمۇ بىرەر رەت كىيىن .
قاش دەرياسى تىنىچ ئاقمايدۇ ،
دولقۇنلىرى كۆردۇڭ بەھەيۋەت .
كىتەر بولساڭ ئەمدى يىراققا ،
ئۇنتالمايسەن مەڭگۇ گە ئەبەت .
ئىزنالىرىڭ دەريا بويىدا ،
سىڭىپ كەتتى دەريا سۇيىگە .
كەلمىكىڭنى سىغىنىپ بىرتاش ،
قوشار مۇڭلۇق ئازاپ كۇيىگە .
كەتكىنىڭدە ئارقاڭغا قارماي ،
جىمىدەكەت يۇركۇم تۇيمىسۇن.
شاماللارغا ئيتاي مەن نالە ،
غىرىپ جايغا بىرىپ يەتكۇزسۇن .
بىلىپ قالدى سەزگۇ يۇكۇم ،
يۇركىڭنىڭ سوقىشلىرىدىن.
چاندۇرماستىن لەپىدە قاراپ ،
كۆزلىرىڭنىڭ كۇلىشلىرىدىن .
ھازىرگىنە كۆز ئالدىڭدىمەن ،
خىيال قىلسەن قولۇم تۇتۇشنى .
دەريا بويدىن مەڭگۇ كەلمەستىن ،
بىلق تۇتۇپ بىللە ئۆتۇشنى .
2016.9.15
| 97 قېتىم كۆرۈلدى | salkin | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-29 23:32:34 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|