بۇلامتى
رەھمىتۇللا تۇرسۇن
سەن غادايساڭ مەن ۋاي دىسەم بۇلامتى،
سەن بىر تۇلپار مەن تاي دىسەم بۇلامتى.
كۆرگەن يەردە سىنى ماختاپ ئۇچۇرۇپ،
سەن تۇلۇنئاي مەن لاي دىسەم بۇلامتى.
ئەسسالام دەپ سالام بەرسەم كۆرگەندە،
رايىڭ يۇققۇ ۋەئەلەيكۇم دىيىشكە،
مەنسىتمىدىڭمۇ مىنى سەن ئۇزۇڭچە،
خوش غۇجام دەپ تازىم قىلسام بۇلامتى.
تاۋىڭ يۇقمۇ بۇگۇن ساڭا نىم بولدى،
مىنى كۇرۇپ ئەجەپ چىرايىڭ ئۆڭدى.
بىلسەم كۇلكەم يېرىم قىپتۇ كۆڭلۇڭنى،
كۇندە دەتتىن ۋايجانلىسام بۇلامتى.
زادى نىمە دەپ باققىنا خىيالىڭ؟
مىسكىن بولسام دەمسەن قانداق ئەھۋالىڭ؟!
بۇلۇپ ياكى ئىشىكىڭدە بىمارىڭ،
مۇھتاج بۇلۇپ قول باغلىسام بۇلامتى.
ئاق سۇت ئەمگەن بەندە مەنمۇ سەندەكلا،
ئىگىلىش يوق تەكەببۇرغا قېنىمدا.
مەيلى دەپ تەگسەڭمۇ سەن غۇرۇرۇمغا،
سۇكۇتتە مەن پۇچۇلانسام بۇلامتى.
43 قېتىم كۆرۈلدى | رەھمىتۇللا تۇرسۇن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-15 23:27:23 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|