ھايات دېگەن رەڭدار ئاشۇنداق (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

ھايات دېگەن رەڭدار ئاشۇنداق
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

ھايات دېگەن رەڭدار ئاشۇنداق،
بىلەلمەيسەن قىسمىتىڭ قانداق،
يىمەي تۇرۇپ گىردە توقاچنى،
پۇل تۆلەيسەن مانا مۇشۇنداق.

ھايات دىگەن رەڭدار ئاشۇنداق،
تاشلاپ كىتەر دوستلۇرۇڭ يېراق،
چىدېغىنسەن،سىناق دوستۇڭغا،
بىلەلمىسە،يانىدۇ تىزراق.

ھايات دېگەن رەڭدار ئاشۇنداق،
ئەردەك ياشا،قۇرمىغىن توزاق،
تۆلەيسەنغۇ بەدەل بىر كۈنى،
بىلىپ ياشا،بولۇرغۇ سىناق.

ھايات دېگەن رەڭدار ئاشۇنداق،
كۆمىۋەتمە ھەممىنى بۇنداق،
ئىناقلىقنى كۈيلگىن دوستۇم،
ۋەتىنىمدە نۇرلۇقتۇر چىراق.

ھايات دېگەن رەڭدار ئاشۇنداق،
ھەر خىل گۈللەر،ھەر خىل خۇشپۇراق،
ئىزلىرىڭدىن ئۈنسۇن قىزىل گۈل،
پەرۋېشلىگىن بولۇپ نۇر چىراق.

ھايات دېگەن رەڭدار ئاشۇنداق،
گاھى پىشاڭ،گاھىدا بالداق،
چاۋاك چالما،بىلمەي ئۆزۈڭنى،
كاچاتلىما،قىلدىمغۇ چاقچاق.

ھايات دېگەن رەڭدار ئاشۇنداق،
ئەسەبىيدىن تۇرغىنە يېراق،
سۆيۈپ ياشا ۋەتەن ئاناڭنى،
چاچقىن نۇرلار،گۈزەل خۇشپۇراق.

ھايات دېگەن رەڭدار ئاشۇنداق،
قۇچاقلىغىن ئاناڭنى تىزراق،
كىتىپ قالسا يىغلاپ يۈرمىگىن،
تۇتۇپ قويغىن بىلىنى چىڭراق.

ھايات دېگەن رەڭدار ئاشۇنداق،
قىرىندىشىڭ بولۇرغۇ چىراق،
قەدىرلىگىن مېھرىڭنى بىرىپ،
پۇشايماننى قىلغىنە ئازراق.

ھايات دېگەن رەڭدار ئاشۇنداق،
مۇنبەرلەردە تۇرايلى چىڭراق،
پەرۋىشلەيلى ئەۋلادلارنى بىز،
ۋەتەن بولغاچ،نۇرلۇق شام-چىراق.

ھايات دېگەن رەڭدار ئاشۇنداق،
خۇلۇم-خوشنا بولۇشۇپ ئېناق،
گۈللەر سۇنۇپ بىر-بىرىمىزگە،
ئىللىق جەمىيەت قۇرايلى تېزراق.
     





80 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-10 9:13:14  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ