ئېلتەرىش: غەزەل

غەزەل


مىرادىل راخمان ئېلتەرىش


يوق دېدىم يوق بولدى جاھان، بار دېدىم مانا تۇرۇپتۇ،

قان دېدىم چىقتى بۇ جان، يان دېدىم قايتا كىرىپتۇ.    

  سوق دېدىم مەجنۇن يۈرەك چۆللەردە زار ئەيلەپ پىغان،

يارۇ يار دەپ گۈلنى ئەسلەپ تۈنلەردە ئاھ ئۇرۇپتۇ.     


ئۇ دۇنيادىن بۇ دۇنياغا ئۆتتى قانچە پىكىرلەر،        

ئارلىقىدا ئاياقلاشماس نۇرغا كۆزى يۇرۇپتۇ.          

   دەسلەپى روھنى ئاۋات قىلغان شامال ئەمدى يوق،   

خىيالىدا يا ئىبلىسنىڭ جازاغا دارا قۇرۇپتۇ.          


       كىم بىلەن تاپاي خۇشاللىق، رەببىم ماڭا يول كۆرسەت،

ئاڭلىماس ئاھىمنى تاغلار ، دەريالارمۇ قۇرۇپتۇ.   

         ئەمدى كەت دېدىم يېنىپ كەلدى تۈگمەس پەس ئازاپ،

كەل دېدىم بىراق ئۇ يوق، چۈنكى شائىر ئۆلۈپتۇ.


2016-يىلى23-مارت





93 قېتىم كۆرۈلدى izqi1 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-3-23 16:00:52  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-4-15 22:12:34 ئىزگۈ قەلىب
تىخىمۇ تىرشىڭ قىرىندىشىم بەك ياخشى چىقىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ