ئەركىلىكنى كۆتۈرمەس دۇنيا

ئەركىلىكنى كۆتۈرمەس دۇنيا

 

مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرى

 

ئوينىساقمۇ ئويلاپ ئوينايلى،

 كۆپ ئويۇننى كۆتۈرمەس دۇنيا.

 مىزانى بارئەركىلەشنىڭمۇ،

ئويۇن بىلەن كۆكەرمەس دۇنيا.

 

 شاراب ئىچكەن شەرەپ-شان ئەمەس ،

راھەت دېمە كېكەرگىنىڭنى .

ئانا ئېلىڭ كۆرۈپ خۇش بولسۇن،

 سېنىڭمۇ يۈك كۆتەرگىنىڭنى.

 

 ئەل قەلبىدە ئاقىلنىڭ ئورنى ،

 گۆھەر دەيدۇ زېرەكنى دۇنيا .

 جىق بولسىمۇ ئورماندا دەرەخ ،

 خىللايدىكەن كېرەكنى دۇنيا .

 

 ئەھلى مەردكە باغرى بىپايان ،

نامەردلەرگە جازاسى تەييار .

 قىلىچى بار غايىب قولىدا ،

مەلئۇنلارغا قازاسى تەييار .

 

ئاسان ئەمەس ياشاش ئۆزمۇ ،

 دۇنيا دېگەن گويا پىلسىرات .

 ياشالىساڭ يالقۇنلاپ ياشا ،

 ياشالمىساڭ توۋلىما 《پەرياد !》

 

يوللىغۇچى: ئەسقەر ئۈچتۇرپان





177 قېتىم كۆرۈلدى ئەسقەر ئۈچتۇرپان ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-5 9:08:28  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-5 16:02:42 ئىزچىن
ناھايتى ياخشى چىىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ