ئېزىپ قالدىم
مۇسا تۇرسۇن (ياشراق )
ئازمايتىم ئەسلى ئېزىپمۇ باقتىم ،
نا توغرا يولدا مېڭىپمۇ باقتىم .
جاھان سىرىنى چۇشەنمەك تەسكەن ،
مەن توغرا يولدىن تېنىپمۇ باقتىم .
ئېزىپمۇ باقتىم ، ھەم تېنىپ قالدىم ،
ئاتا -ئانامغا جاپامۇ سالدىم .
ئەقىل تاپقاندا ھەسرەت -پۇشايمان ،
ياخشى ئىش ئۇچۇن قەدەممۇ ئالدىم .
ئىنسان ئازاركەن قايمۇقۇپ تازا ،
بىلمەي بەزىدە كۇلكىدە ھازا .
مۇساجان شۇنداق كۈلۈپ يىغلىغان ،
ئاچچىق ئازاپتا تۇۋلىغان سازا .
تاشنى تاياققا تېڭىپمۇ سالدىم ،
بۇي يەتمەس شاخنى ئىگىپمۇ سالدىم .
توغرا يولدىمەن ، ئەمدى ئازغۇم يوق ،
قەدەملىرىمدىن چېنىپمۇ قالدىم .
| 111 قېتىم كۆرۈلدى | مۇسا تۇرسۇن (ياشراق ) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-5 21:58:50 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|