مەن سېنى سۆيەتتىم سەنمۇ ھەم مېنى

مەن سېنى سۆيەتتىم سەنمۇ ھەم مېنى

 

 ئ‍ەسقەر قۇربان

 

مەن سېنى سۆيەتتىم سەنمۇ ھەم مېنى،

ئىشقىڭدا ئوت بولۇپ چاراسلاپ كۆيۇپ.

 كېچىلەر كۆزلىرىم ئۇيقۇدىن بىدار ،

يىلاندەك تولغۇنۇپ ھەسرەتلەر چىكىپ.

 

 مەن سېنى سۆيەتتىم سەنمۇ ھەم مېنى،

 چۇشۇمدە ئۇچرىتىپ قالىمەن سېنى.

لەۋلىرىڭ بەئەينى خۇددى گىلاستەك،

 سېغىنىپ قالىمەن سېنى ھەر كۇنى.

 

 مەن سېنى سۆيەتتىم سەنمۇ ھەم مېنى،

 پاك سۆيگۈ ئىچىدە ئۈمۈتلۈك بېقىپ.

بارلىقىم ،ئەقىدەم ساڭا باغلانغان،

 مۇھەببەت كۈيىنى مەڭگۈ ياڭرىتىپ.

 

 مەن سېنى سۆيەتتىم سەنمۇ ھەم مېنى،

تىپىرلاپ يۇرۇگۈم بەرمەيدۇ ئارام.

 ۋىسالسىز سۆيگۈدە ئۆتمىسۇن كۆنۈم،

 ئاھ!جېنىم كەلگىنەساقايسۇن يارام.

 

 مەنبە:( كۈندىلىك خاتىرەمدىن ) كەلپىندە يېزىلدى.





191 قېتىم كۆرۈلدى ikbal ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-22 18:50:03  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ